مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

سوزۇلما خاراكتېرلىك بۆرەك كېسىلى ئاغرىقلىرى پۇرچاق مەھسۇلاتلىرىنى ئىستېمال قىلسا بولامدۇ

2021.03.19 19:36 مەنبە: تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى

  دۆلىتىمىز دادۇر ماكانى، شۇنداقلا ئەڭ بۇرۇن پۇرچاق مەھسۇلاتلىرىنى تەتقىق قىلىپ ئىشلەپچىقارغان دۆلەت ھېسابلىنىدۇ.

  دادۇر تەركىبىدە ئەلا سۈپەتلىك ئاقسىل مول بولۇپ، نۇرغۇن كىشىلەر پۇرچاق مەھسۇلاتلىرىنى يېيىشنى ياقتۇرىدۇ، لېكىن ئەل ئىچىدە «سوزۇلما خاراكتېرلىك بۆرەك كېسىلى ئاغرىقلىرى پۇرچاق مەھسۇلاتلىرى يېسە بولمايدۇ» دەيدىغان قاراش ئىزچىل تارقىلىپ يۈرمەكتە.

  بۇ خىل قاراش توغرىمۇ؟ سوزۇلما خاراكتېرلىك بۆرەك كېسىلى ئاغرىقلىرى راستىنلا پۇرچاق مەھسۇلاتى يېسە بولمامدۇ؟

  دادۇر ئەلا سۈپەتلىك ئاقسىلغا تەۋە

  ئىلگىرى ئومۇميۈزلۈك ھالدا ھايۋانات ئاقسىلىدا زۆرۈر ئامىنو كىسلاتاسىنىڭ مىقدارى يۇقىرى، بىيولوگىيەلىك پايدىلىنىش دەرىجىسى ياخشى، مېتابولىزم كېرەكسىز ماددىلىرى ئاز؛ لېكىن دادۇر ۋە پۇرچاق مەھسۇلاتلىرىدا زۆرۈر ئامىنو كىسلاتاسىنىڭ تەركىبى يۇقىرى بولمايدۇ، بىيولوگىيەلىك پايدىلىنىش دەرىجىسى تۆۋەن، مېتابولىزم كېرەكسىز ماددىلىرىمۇ كۆپ، دەپ قارىلاتتى.

  شۇڭا، سوزۇلما خاراكتېرلىك بۆرەك كېسىلى ئاغرىقلىرى دادۇر ۋە پۇرچاق مەھسۇلاتلىرى يېسە بولمايدۇ. لېكىن، يېقىنقى يىللاردىن بۇيانقى تەتقىقاتتا كۆرسىتىلىشىچە، پۇرچاق مەھسۇلاتلىرىنى مۇۋاپىق مىقداردا قوبۇل قىلىش بۆرەك فۇنكىسىيەسىنىڭ ئەسلىگە كېلىشىگە پايدىلىق ئىكەن.

  پۇرچاق ئاقسىلى ئۆسۈملۈك ئاقسىلىغا تەۋە، ئەمما دانلىق زىرائەت يېمەكلىكلىرىگە سېلىشتۇرغاندا، تەركىبىدە ئاقسىل ھەم ئامىنو كىسلاتاسى بىر قەدەر مول بولىدۇ.

  دادۇرنىڭ ئاقسىل تەركىبى %40~%35 يەتكەن بولۇپ، لىسىن كىسلاتا تەركىبى بىرقەدەر يۇقىرى، ئامىنو كىسلاتا ئەندىزىسى بىرقەدەر ياخشى، كونكرېت ئوزۇقلۇق قىممىتى بىرقەدەر يۇقىرى ئەلا سۈپەتلىك ئاقسىلغا تەۋە.

  پۇرچاق مەھسۇلاتى دېگىنىمىز دادۇر تۈرىدىكىلەر خام ماتېرىيال قىلىنىپ ئېچىتىلغان ياكى ئېچىتىلمىغان يېمەكلىكلەرنى كۆرسىتىدۇ مەسىلەن، پۇرچاق سۈتى، دۇفۇ، دۇفۇ قېقى قاتارلىقلار. شۇنداقلا يېمەكلىك تەركىبىدىكى ئەلا سۈپەتلىك ئاقسىلنىڭ كېلىش مەنبەسى ھېسابلىنىدۇ.

  بۇنىڭدىن باشقا، دادۇر تەركىبىدە تويۇنغان ياغ كىسلاتاسى مىقدارى تۆۋەن، تويۇنمىغان ياغ كىسلاتاسى مىقدارى يۇقىرى بولۇپ، تالا بىلەن ھەرخىل پايدىلىق ئۆسۈملۈك خىمىيەلىك ماددىسىمۇ مول.

  كۆپ مىقداردىكى ئاقسىل سوزۇلما خاراكتېرلىك بۆرەك كېسىلى ئاغرىقلىرىنىڭ ئاجرىتىپ چىقىرىش يۈكىنى ئېغىرلاشتۇرۇۋېتىدۇ

  سوزۇلما خاراكتېرلىك بۆرەك كېسىلى ئاغرىقلىرىنىڭ بىر تەرەپ قىلىش ئىقتىدارى تۆۋەن بولىدۇ، ئەگەر كۆپ مىقداردا ئاقسىل قوبۇل قىلغاندا، كېرەكسىز ماددىلار بەدەندە كۆرۈنەرلىك كۆپىيىدۇ، شۇنىڭ بىلەن، بۆرەكنىڭ يۈكى ئارتىپ كېتىدۇ. شۇڭا بىر تەرەپتىن ئاقسىلنىڭ قوبۇل قىلىنىشىنى كونترول قىلىش كېرەك، يەنە بىر تەرەپتىن ئادەم بەدىنى مېتابولىزمى ئاقسىلغا ئېھتىياجلىق بولىدۇ، بۇ ئىككى تەرەپلىك ئېھتىياجنى قاندۇرۇش ئۈچۈن، ئەلا سۈپەتلىك ئاقسىل قوبۇل قىلىش كېرەك. شۇڭا يۇقىرىقىلاردىن شۇنى كۆرۈۋېلىشقا بولىدۇكى، پۇرچاق مەھسۇلاتلىرىدا ئوزۇقلۇق مول، ئۇنىڭ ئۈستىگە دادۇر تەركىبىدىكى ئاقسىلمۇ ئەلا سۈپەتلىك، سوزۇلما خاراكتېرلىك بۆرەك كېسلى ئاغرىقلىرى تۆۋەن سۈپەتلىك ئاقسىللىق يېمەكلىكلەرنى يېيىش شەرتى ئاستىدا پۇرچاق مەھسۇلاتلىرىنى مۇۋاپىق مىقداردا قوبۇل قىلسا بولىدۇ.
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ