مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

ئائىلىدە تاماق يېگەندە بۇ تۆت نۇقتىغا دىققەت قىلىڭ

2021.03.19 19:33 مەنبە: تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى

  ئادەم سانى، قېتىم سانى ۋە ۋاقتىنى كونترول قىلىش يېقىندا دۆلەت سەھىيە ۋە ساغلاملىق كومىتېتىمۇ «2021-يىلى يېڭى يىل ۋە چاغان مەزگىلىدە يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمىنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش توغرىسىدىكى ئۇقتۇرۇش»نى ئېلان قىلىپ، ئائىلىدە شەخسىي يىغىلىش ئۆتكۈزۈش، ئوپچە تاماق يېيىش قاتارلىقلارنى 10 ئادەمدىن تۆۋەن ساندا كونتىرول قىلىشنى تەشەببۇس قىلىپ، كۆپچىلىكنىڭ مەيلى ئۆيدە يىغىلىش قىلسۇن ياكى سىرتقا چىقىپ يىغىلىش قىلىشنى تاللىسۇن، قېتىم سانى ۋە ۋاقتىنى كونترول قىلىشقا دىققەت قىلىشىنى تەۋسىيە قىلدى.

  قول تازىلىقىغا دىققەت قىلىش

  تاماق يېيىشنىڭ ئالدى-كەينىدە ئېقىۋاتقان سۇدا سوپۇن (قول يۇيۇش سۇيۇقلۇقى) سۈركەپ تۇرۇپ قولنى ئەستايىدىل يۇيۇش كېرەك. سىرتقا چىقىپ تاماق يېگەندە بولسا، قولنى دېزىنفېكسىيەلەش دورىسىنى يېنىدا ئېلىپ يۈرۈش، ئېلېكتىرونلۇق تاماق تىزىملىكى ۋە پۇل تۆلەش ئۇسۇلىنى ئالدىن تاللاش، ئاممىۋى ئەسلىھەلەرنى بىۋاسىتە قول بىلەن تۇتۇشنى ئىمكانقەدەر ئازايتىش قاتارلىق ئۇسۇللار ئارقىلىق، قول تازىلىقىنى ساقلاش كېرەك.

  ئاممىۋى چوكا، ئاممىۋى قوشۇق ئىشلىتىشنى تەشەببۇس قىلىش

  ھازىر سىرتقا چىقىپ تاماق يېگەندە، نۇرغۇن كىشىلەر ئاممىۋى قوشۇق ۋە ئاممىۋى چوكا ئىشلىتىشكە دىققەت قىلىدۇ. ئائىلىدە تاماق يېگەندە، ئاممىۋى قوشۇق، ئاممىۋى چوكىنى كۆپرەك تەييارلاپ، ئۇرۇق-تۇغقان، دوست-بۇرادەرلىرىنىڭ ئىشلىتىشىگە قولايلىق يارىتىش تەۋسىيە قىلىنىدۇ.

  يېمەك-ئىچمەك قاچا-قۇچىلىرىنى پاكىز دېزىنفېكسىيەلەش

  قاچا-قۇچىلارنى تازىلاش «كېسەلنىڭ ئېغىزدىن كىرىشى»نىڭ ئالدىنى ئېلىشتىكى تۇنجى مۇداپىئە سېپى. ئائىلە يىغىلىشىدىن كېيىن، ئىشلىتىپ بولغان قاچا-قۇچا قاتارلىقلارنى ئاۋۋال قايناق سۇدا قاينىتىپ دېزىنفېكسىيە قىلىشنى تاللاش كېرەك.
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ