مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

جۈزىنى كۆپ يېسە راستتىنلا ئاسان ئىسسىقى ئېشىپ كېتەمدۇ؟

2021.03.19 19:32 مەنبە: تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى

  قىش كېلىشى بىلەن جۈزە يەيدىغان پەسىل يېتىپ كەلدى، بازاردىكى كۆزنى قاماشتۇرىدىغان ھەر خىل جۈزىلەر كىشىلەرنىڭ ئىشتىھاسىنى قوزغايدۇ.

  جۈزە ۋىتامىنC ۋە كاروتىننىڭ ۋەكىللىك يېمەكلىكى

  جۈزە تۈرىدىكى مېۋىلەرنىڭ ئوزۇقلۇق تەركىبى ۋە مىقدارى ئاساسەن ئوخشاش بولۇپ، تەركىبىدە ۋىتامىنC ۋە كاروتىن مول بولغان ۋەكىل خاراكتېرلىك يېمەكلىك ھېسابلىنىدۇ، ئوتتۇرا ھېساب بىلەن ھەر 100 گرام جۈزە تەركىبىدە 890 مىكروگرام كاروتىن بار بولۇپ، ۋىتامىنC مىقدارى 28 مىللىگرامدۇر.

  كاروتىن كۆرۈش قۇۋۋىتىنى ئاسراپ، تېرە توقۇلمىلىرىنىڭ مۇكەممەللىكىنى قوغداپ، ئورگانىزمنىڭ ئىممۇنىتېت كۈچىنى ئاشۇرىدۇ؛ ۋىتامىنC ئوكسىدلىنىشقا قارشى تۇرۇپ، ئورگانىزمنىڭ ئىممۇنىتېت كۈچىنى ئاشۇرۇپ، زەھەر قايتۇرۇش رولىغا ئىگە، ئۇنىڭ ئۈستىگە قاناش، مەسىلەن: چىش مىلىكى قاناش، تېرە ئاستىدىكى چېكىتسىمان قاناش، چىش مىلىكى ياللۇغى ۋە سۆڭەك شالاڭلىشىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش رولىغا ئىگە، بولۇپمۇ قان بۇزۇلۇش كېسىلىنىڭ ئالدىنى ئېلىش رولى كۆرۈنەرلىك.

  جۈزە تۈرىدىكى مېۋىلەرنىڭ تەركىبىدە كۆپ خىل يېمەكلىك تالالىرى بار، مېۋە يېلىمى(پېكتىن) ئۇنىڭ ئاساسلىق مەۋجۇت بولۇپ تۇرۇش شەكلى، بۇمۇ مېۋىنى كۆپ يېسە قەۋزىيەتنىڭ ئالدىنى ئالغىلى بولىدىغانلىقىنىڭ سەۋەبىدۇر، جۈزە تۈرىدىكىلەرنىڭ تەركىبىدە يەنە B تۈردىكى ۋىتامىنلار ۋە كالتسىي، فوسفور، ماگنىي، تۆمۈر، سىنك، سېلىن قاتارلىق ئادەم بەدىنى ئېھتىياجلىق بولغان مىكرو ئېلېمېنتلار بار.

  جۈزە تەركىبىدىكى فلاۋون تۈرىدىكى بىرىكمىلەر ئۆسمىگە، كېسەللىك باكتېرىيەسىگە، ياللۇغقا قارشى تۇرالايدۇ

  جۈزە تۈرىدىكى مېۋىلەرنىڭ تەركىبىدە كىسانتوفىل، كۆممىقوناق فىلاۋىنى ۋە β-كرىپتوكسانتىندىن ئىبارەت ئۈچ خىل كاروتىن مول. تەتقىقاتتا كۆرسىتىلىشىچە، كاروتىنوئىد سۇپېرئوكسىد ئەركىن رادىكالىنىڭ پەيدا بولۇشىنى توسۇپ، ئورگانىزمنىڭ ئىممۇنىتېت كۈچىنى ئاشۇرۇپ، راك ھۈجەيرىلىرىنىڭ ئۆسۈشىنىڭ ئالدىنى ئېلىپ، يۈرەك قان تومۇر كېسەللىكلىرىنىڭ ئالدىنى ئالىدىكەن.

  فلاۋىن تۈرىدىكى بىرىكمىلەر جۈزە تۈرىدىكى مېۋىلەر ئىچىدىكى يەنە بىر خىل بىئو ئاكتىپ ماددا بولۇپ، ئۆسمىگە، كېسەللىك باكتېرىيەسىگە، ياللۇغقا قارشى تۇرۇش، قىل قان تومۇرلارنىڭ چۈرۈكلۈكىنى تۆۋەنلىتىش، زىيادە سېزىمچانلىققا قارشى تۇرۇش، قان پىلازمىلىرىنىڭ ئۇيۇشۇشىنى چەكلەش قاتارلىق رولى بار.

  جۈزە تۈرىدىكى مېۋىلەرنىڭ تەركىبىدىكى بىر خىل ئاچچىق تەم ماددىسى لىمون ئاچچىق ماددىسى تۈرىدىكى بىرىكمە بولۇپ، بۇمۇ يوۋزى ۋە لىموننىڭ ئازراق ئاچچىق تەمگە ئىگە بولۇشىنىڭ سەۋەبىنى چۈشەندۈرۈپ بېرىدۇ. بۇ خىل بىرىكمە جىگەر راكى، ئىنچىكە ئۈچەي راكى، ئېغىز بوشلۇقى راكى ۋە تېرە راكىنى تىزگىنلەيدۇ، يەنە ئاغرىق توختىتىش، ياللۇغقا قارشى تۇرۇش، تەشۋىشلىنىشنى پەسەيتىش ۋە تىنچلاندۇرۇش قاتارلىق رولى بار.

  «ئىسسىقى ئېشىپ كېتىش» سورتىغا قاراپ پەرقلىنەمدۇ

  ئامال بار مېۋىسىنى تولۇق يەپ، يېمەكلىك تالالىرىنى ساقلاش كېرەك

  جۈزە بىر گۆھەردۇر، پىشقان جۈزىنىڭ پوستىدىن بىر خىل جۇڭيى دورىسى —— چېنپىنى تەييارلىغىلى بولىدۇ، ئۇ يەلنى ھەيدەپ تالنى ساغلاملاشتۇرىدۇ، ھۆللۈكنى ھەيدەپ بەلغەمنى بوشىتىدۇ.

  ئەل ئارىسىدا جۈزىنى كۆپ يېسە ئاسانلا «ئىسسىقى ئېشىپ كېتىدۇ» دەيدىغان قاراش بار، ھازىرقى زامان تېببىي تەجرىبىسىدىن بايقىلىشىچە، «ئىسسىقى ئېشىپ كېتىش»نى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان ماددا بىر خىل ياللۇغنى ئىلگىرى سۈرگۈچى ئاقسىل بولۇپ، ئورگانىزمدا «قىزىرىش، ئىششىش، قىزىش، ئاغرىش» ئالامەتلىرىنى پەيدا قىلىدىكەن. ئەمما جۈزىنى كۆپ يېسە ئاسانلا ئىسسىقى ئېشىپ كەتمەيدۇ، سورتىغا قاراپ پەرقلىق بولىدۇ، چېنزى بىلەن يوۋزىنىڭ ھەتتا «ئىسسىقنى ياندۇرۇش» رولى بار.

  جۈزە تۈرىنىڭ يېگىلى بولىدىغان قىسمىنىڭ سۇ تەركىبى %86.9نى ئىگىلەيدۇ، شۇڭا سىقىپ شەربىتىنى چىقىرىشقا بولىدۇ، مەسىلەن: جۈزە شەربىتى، لىمون شەربىتى، چېڭزى شەربىتى. ئەمما لىموندىن باشقىسىنىڭ مېۋە گۆشىنى ئامال بار پۈتۈنلەي يېيىش كېرەك، چۈنكى شەربەت چىقىرىش جەريانىدا يېمەكلىك تالالىرى ئاساسىي جەھەتتىن چىقىرىۋېتىلسە، قەۋزىيەتنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈنۈمىگە يەتكىلى بولمايدۇ، ئۇنىڭ ئۈستىگە يەنە ئاسانلا ئارتۇق قەنت مىقدارىنى قوبۇل قىلىۋالىدۇ.
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ