يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىشتىكى ئەڭ ئاددىي، ئۈنۈملۈك ئۇسۇللارنىڭ بىرى قول يۇيۇش. بولۇپمۇ، ھازىر يۇقۇم ئەھۋالىدا «قايتۇرما ھۇجۇم» كۆرۈلدى، قولنى يۇيغاندا يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى بىلەن يۇقۇملىنىش خەۋپىنى ئۈنۈملۈك تۆۋەنلەتكىلى بولىدۇ.
بېيجىڭ شەھەرلىك كېسەللىكلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش مەركىزىنىڭ مۇتەخەسسىسلىرى ئاممىغا شۇنى ئەسكەرتىدۇكى، قولنى پات-پات يۇيۇش، بولۇپمۇ تاماقتىن بۇرۇن، ھاجەتخانىغا كىرگەندىن كېيىن، دوختۇرخانىدىن ئايرىلىپ ۋە سىرتقا چىقىپ قايتىپ كەلگەندىن كېيىن، بۇلغىنىش ئېھتىمالى بولغان بۇيۇملار بىلەن ئۇچراشقاندىن كېيىن، ۋاقتىدا ئەتىر سوپۇن ياكى قول يۇيۇش سۇيۇقلۇقى ئارقىلىق ئېقىن سۇدا قول يۇيۇش ياكى قولنى دېزىنفېكسىيە قىلىش دورىسى بىلەن دېزىنفېكسىيە قىلىش كېرەك. ئاددىي قىلىپ ئېيتقاندا، ئىككى ھالقىلىق نۇقتىنى ئەستە تۇتۇش كېرەك: مەينەت نەرسىلەر بىلەن ئۇچراشقاندىن كېيىن قولنى يۇيۇش؛ يېمەكلىك ياكى بۇرۇن شىللىق پەردىسى، كۆز بىرىكتۈرگۈچى پەردىسى قاتارلىق شىللىق پەردىلەر بىلەن ئۇچرىشىشتىن بۇرۇن قول يۇيۇش كېرەك. كونكرېت قىلىپ ئېيتقاندا، تۇرمۇشتا تۆۋەندىكى يەتتە خىل ئەھۋالغا يولۇققاندا چوقۇم قول يۇيۇش كېرەك:
(1) دوختۇرخانىغا بېرىپ، كېسەل يوقلىغاندىن كېيىن؛
(2) سىرتقا چىقىپ ياكى نەرسە سېتىۋېلىپ ئۆيگە قايتقاندىن كېيىن؛
(3) ئەرمەك ھايۋانلارنىڭ چوڭ تەرىتىنى بىر تەرەپ قىلغاندىن كېيىن؛
(4) بالىنىڭ زاكىسىنى ئالماشتۇرغاندىن كېيىن؛
(5) بۇرنىنى تاشلاپ، كۆزىنى ئۇۋۇلىغاندىن كېيىن؛
(6) تاماق ئېتىشتىن بۇرۇن، سۈت پاراشوكى تەييارلاشتىن بۇرۇن؛
(7) يوشۇرۇن كۆزەينەكنى ئېلىۋېتىشتىن بۇرۇن.
ئەمەلىيەتتە بەزى كىشىلەر قولىنى «مەينەت ئەمەس، سۇ بىلەن مۇنداقلا چايقىۋەتسەم بولىدۇ» دەپ ئويلايدۇ، لېكىن ئەمەلىيەتتە بۇنداق قول يۇيۇشنىڭ ئۈنۈمى چوڭ بولمايدۇ. مۇتەخەسسىسلەرنىڭ تونۇشتۇرۇشىچە، قولنى ھەقىقىي پاكىز يۇيۇش ئۈچۈن، يەنىلا ئەتىر سوپۇن ياكى قول يۇيۇش سۇيۇقلۇقىنى ماسلاشتۇرۇپ ئىشلىتىشكە توغرا كېلىدىكەن.
ئۇنىڭدىن باشقا، ئۆلچەملىك قول يۇيۇش ھالىتى مۇنداق بولىدۇ: ئالقاننى بىر بىرىگە سۈركەپ ئۇۋۇلاش؛ بارماقلارنى گىرەلەشتۈرۈپ، ئالقان بىلەن قولنىڭ دۈمبىسىنى ئۇۋۇلاش؛ بارماقلارنى گىرەلەشتۈرۈپ، ئالقاننى ئۆزئارا تەگكۈزۈپ ئۇۋۇلاپ يۇيۇش؛ بارماقنى ئېگىپ، بوغۇمنى ئالقاندا ئۇۋۇلاش؛ باش بارماقنى ئالقاندا ئۇۋۇلاش، بارماق ئۇچىنى ئالقاندا ئۇۋۇلاش.
خەلق تورىدىن تەرجىمە قىلىندى