مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

يۈرەك قان تومۇر كېسەللىكىنىڭ سەككىز چوڭ ئالامىتى

2020.07.17 17:19 مەنبە: تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى

  قان تومۇر ئادەم بەدىنىدىكى «ھاياتلىق يولى» بولۇپ، بەدەننىڭ ھەرقايسى ئەزالىرىنى تۇتاشتۇرۇپ تۇرىدۇ، 24 سائەت توختىماي ئوزۇقلۇق يەتكۈزۈپ، كېرەكسىز ماددىلارنى چىقىرىپ تاشلايدۇ. ئەگەر قان تومۇرلار راۋان بولمىغاندا، نۇرغۇن كېسەللىكلەرنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. ئېلىمىزدە يۈرەك قان تومۇر كېسەللىكلىرىنىڭ پەيدا بولۇش نىسبىتى يىلدىن-يىلغا ئېشىۋاتىدۇ، ئۇنىڭ ئۈستىگە ياشلىشىش يۈزلىنىشىمۇ بارغانسېرى كۆرۈنەرلىك بولۇۋاتىدۇ. ئۇنداقتا، قايسى ئادەتلەر قان تومۇرلارنى زەخمىلەندۈرىدۇ؟ قان تومۇر توسۇلۇشنىڭ قانداق ئالامەتلىرى بار؟

  سەل قارالغان بۇ يېنىك ئالامەتلەر بەلكىم ئېغىر ئاقىۋەتلەرنى ئېلىپ كېلىشى مۇمكىن

  يۈرەك قان تومۇر كېسىلى قوزغىلىشتىن بۇرۇن، كۆپ خىل ئالامەتلەر كۆرۈلىدۇ، لېكىن كېسەللىك ئالامىتى يېنىكرەك بولغاچقا، دائىم ئاسانلا سەل قارىلىپ قالىدۇ.

  1. دائىم ئالاقزادە بولۇش، كۆكرەك چىڭقىلىش.

  2. ئەتىگەندە ئويغىنىپ بىراقلا ئورنىدىن تۇرغاندا، كۆكرەك قىسمىنىڭ بىئارام بولغانلىقىنى ھېس قىلىش.

  3. كەچتە ئۇخلىغاندا دېمى سىقىلىپ بىئارام بولۇش، تۈز ياتالماسلىق.

  4. پىيادە تېز ماڭغاندا، نەپەس سىقىلغاندەك ھېس قىلىش، يۈرەك سوقۇشى تېزلىشىش.

  5. ھاياجانلانغاندا يۈرەك سوقۇشى تېزلىشىپ، كۆكرەك قىسمىنىڭ بىئارام بولغانلىقىنى روشەن ھېس قىلىش. 6. پەلەمپەيدىن چىققاندا ناھايىتى ھارغىنلىق ھېس قىلىش، دېمى سىقىلىپ نەپىسى قىسىلىش. 7. چارچىغاندا يۈرەك ئالدى رايونى ئاغرىش ياكى سول دۈمبە قىسمى ئاغرىش ھېس قىلىش. 8. كۆكرەك قىسمى بەزىدە 1~2 سېكۇنتلا سانجىلىپ ئاغرىش.

  خەلق تورىدىن تەرجىمە قىلىندى
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ