مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

تۆۋەندىكى بىر نەچچە خىل دورىنى يېگەندىن كېيىن ھەرگىز ھاراق ئىچمەڭ

2020.07.17 17:18 مەنبە: تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى

  ئىسپىرتنىڭ دورىنىڭ ئۈنۈمىگە بولغان تەسىرىگە سەل قاراشقا بولمايدۇ. تۆۋەندىكى بىر قانچە خىل دورىنى ھاراق بىلەن بىر ۋاقىتتا ئىچىشكە بولمايدۇ.

  1. تىنچلاندۇرۇش، ئۇخلىتىش دورىلىرى

  مەسىلەن، فېنوباربىتال (苯巴比妥)، دىزېپام (地西泮) قاتارلىقلار ئىسپىرتنىڭ سۈمۈرۈلۈشىنى تېزلىتىدۇ، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا يەنە مېتابولىزم سۈرئىتىنى ئاستىلىتىپ، دورىنىڭ قاندىكى قويۇقلۇقىنى قىسقا ۋاقىت ئىچىدە تېز سۈرئەتتە يۇقىرىلىتىپ، بىمارنى ھوشسىزلاندۇرىدۇ، شوك قىلىپ قويىدۇ، نەپىسىنى قىيىنلاشتۇرىدۇ، ھەتتا ئۆلۈشىگە سەۋەب بولىدۇ.

  2. تۇتقاقلىققا قارشى دورىلار

  مەسىلەن، فېنىتوئىن ناترىي (苯妥英钠) قاتارلىقلار. ھاراق ئىچكەندە دورىنىڭ ئۈنۈمى تېز سۈرئەتتە يوقىلىپ، داۋالاش ئۈنۈمى تۆۋەنلەپ كېتىدۇ.

  3. قان شېكىرىنى تۆۋەنلەتكۈچى دورىلار

  مەسىلەن، گرىفېنىل ئۇرېيا (格列苯脲)، دىمېتىل قوش گۇئانىدىن (二甲双胍) قاتارلىقلار، دورا ئىچىۋاتقان مەزگىلدە كۆپ مىقداردا ھاراق ئىچكەندە باش قېيىش، يۈرەك سېلىش، سوغۇق تەرلەش، قول تىترەش قاتارلىق قان شېكىرى تۆۋەنلەش رېئاكسىيەلىرىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ، ئېغىر بولغانلاردا قان شېكىرى تۆۋەنلەپ ھوشسىزلىنىش ئالامىتى كۆرۈلىدۇ.

  4. يۈرەك سانجىقىغا قارشى دورىلار

  نىترات ئېستىرى (硝酸酯) تۈرىدىكى، نىترات بېنزول (硝苯地平) قاتارلىق دورىلارنى ئىچىۋاتقان مەزگىلدە ھاراق ئىچسە، قان تومۇرلار زىيادە كېڭىيىپ، باش قاتتىق ئاغرىش، قان بېسىمى تۇيۇقسىز تۆۋەنلەش، ھەتتا شوك بولۇپ قېلىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.

  5. قان بېسىمنى تۆۋەنلەتكۈچى دورىلار

  رېزېرپىن (利血平)، گىدرازىن (肼屈嗪) قاتارلىق دورىلارنى ئىچكەن مەزگىلدە ھاراق ئىچسە، قان بېسىمىنى تۆۋەنلەتمەيلا قالماستىن، ئەكسىچە قان بېسىمىنى جىددىي ئۆرلىتىپ، يۇقىرى قان بېسىملىق مېڭە كېسىلى، يۈرەك مۇسكۇل تىقىلمىسىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.

  خەلق تورىدىن تەرجىمە قىلىندى
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ