مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

بالىلىقتا قەلبى جاراھەتلەنسە، كەلگۈسىدە سوزۇلما خاراكتېرلىك كېسەل بولۇش خەۋپى يۇقىرى بولىدىكەن

2020.06.04 16:44 مەنبە: تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى

  «ئامېرىكا تېبابەتچىلىك ئىلمىي جەمئىيىتى ژۇرنىلى»نىڭ بىر تۈرلۈك يېڭى تەتقىقاتىدا كۆرسىتىلىشىچە، بالىلىق مەزگىلىدىكى ئائىلە زۇلۇمىغا ئۇچراش، كەمسىتىلىش قاتارلىق ناچار كەچۈرمىشلەر كېيىن يۈرەك كېسىلى، دىيابېت كېسىلى ياكى خامۇشلۇق كېسىلى قاتارلىق ئاستا خاراكتېرلىك كېسەللىكلەرگە گىرىپتار بولۇش خەۋپىنى كۆرۈنەرلىك ئاشۇرۇۋېتىدىكەن.

  ئامېرىكا كېسەللىكلەرنى كونترول قىلىش ۋە ئالدىنى ئېلىش مەركىزىنىڭ تارقىلىشچان كېسەللىكلەر مۇتەخەسسىسى روبېرت ئەندا دوكتور ۋە ئامېرىكا كالىفورنىيە ئىشتاتىدىكى سىيزېر داۋالاش گۇرۇھى ئىچكى كېسەللىكلەر مۇتەخەسسىسى ۋېنسېنت فېلىد دوكتور بالىلىق دەۋرىدىكى ناچار كەچۈرمىشلەرگە تۆۋەندىكىدەك ئېنىقلىما بەردى: 18 ياشتىن بۇرۇن جىسمانىي جەھەتتىن خورلىنىش، ھېسسىيات جەھەتتىن خورلىنىش، ھېسسىيات جەھەتتىن سەل قارىلىش، ئاتا-ئانىسى ئاجرىشىپ كېتىش، ئاتا-ئانىسى خامۇشلۇق كېسىلىگە گىرىپتار بولۇش قاتارلىق ئەھۋاللارغا ئۇچرىغانلار بالىلىق دەۋرىدە ناچار كەچۈرمىشلەرگە ئۇچرىغان دەپ قارىلىدىكەن. تەتقىقاتچىلار سىناققا قاتناشقۇچىلارنىڭ بۇ خىل ئازابلىق كەچۈرمىشىنى باھالىغان (ئومۇمىي نومۇرى 10 نومۇر بولغان)، سېلىشتۇرۇپ تەھلىل قىلىش ئارقىلىق، يۇقىرىدىكى ھەربىر خىل ئەھۋالنىڭ يۈزبېرىشى سوزۇلما خاراكتېرلىك كېسەللىكنىڭ يۈزبېرىش خەۋپىنى ئاشۇرۇۋېتىدىغانلىقىنى بايقىغان، بۇ كېسەللىكلەر دىيابېت كېسىلى، سېمىزلىك كېسىلى، زىققا كېسىلى، سوزۇلما خاراكتېرلىك ئۆپكە كېسىلى، يۈرەك كېسىلى، راك كېسىلى ۋە باشقا سوزۇلما خاراكتېرلىك جىسمانىي ۋە روھىي كېسەللىكلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالغان. ئومۇمىي نومۇرى تۆت نومۇردىن ئېشىپ كەتكەندە، دىيابېت كېسىلىگە گىرىپتار بولۇش خەۋپى 1.6 ھەسسە، راك كېسىلى ۋە يۈرەك كېسىلىگە گىرىپتار بولۇش خەۋپى ئىككى ھەسسە، سوزۇلما خاراكتېرلىك ئۆپكە كېسىلىگە گىرىپتار بولۇش خەۋپى تۆت ھەسسە ئاشىدىكەن.

  خەلق تورىدىن تەرجىمە قىلىندى
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ