مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

سەككىز خىل سەۋەب قان بېسىمىنى تۇيدۇرماستىن ئۆرلىتىۋېتىدۇ

2020.06.04 16:43 مەنبە: تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى

  يۇقىرى قان بېسىم كىشىلەرنىڭ ساغلاملىقىغا تەھدىت ئېلىپ كېلىدۇ، ئۇ ھازىر بارغانسېرى «ھىيلىگەرلىشىپ»، كىشىلەرگە شەپە چىقارماي ھۇجۇم قىلىدىغان بولدى. يېقىندا، ئامېرىكا «ئالدىنى ئېلىش» ژۇرنىلى تورى تۇرمۇشتا يۇقىرى قان بېسىمنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان سەككىز خىل سەۋەبنى يەكۈنلەپ چىقتى.

  بىرىنچى، پىششىقلانغان قولايلىق يېمەكلىكلەرگە بەك تايىنىۋېلىش. تەكشۈرۈشتە بايقىلىشىچە، ياۋروپا، ئامېرىكا دۆلەتلىرىدە ئوتتۇرا ھېساب بىلەن ھەربىر ئادەم پىششىقلانغان يېمەكلىكلەردىن قوبۇل قىلىدىغان تۇز ئومۇمىي قوبۇل قىلىش مىقدارىنىڭ %80ىنى ئىگىلىگەن. تۇرمۇش رىتىمىنىڭ تېزلىشىشىگە ئەگىشىپ، كىشىلەر يەيدىغان پىششىقلانغان يېمەكلىكلەر بارغانسېرى كۆپەيدى. تەييار چۆپ، كولباسا، بولكا، ناشتىلىق ئارپا، بەرەڭگە ياپراقچىسى، پىسا، كونسېرۋا، ئىتالىيە چۆپى قىيامى قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسى تەركىبىدە تۇز مىقدارى كۆپ يېمەكلىكلەردۇر، تۇزنى كۆپ ئىستېمال قىلىش قان بېسىمىغا بىۋاسىتە تەسىر كۆرسىتىپ، يۈرەكنىڭ يۈكىنى ئېغىرلاشتۇرۇۋېتىدۇ. شۇڭا، قولايلىق بولۇشنىلا كۆزلەپ دائىم پىششىقلانغان يېمەكلىكلەرنى يېيىش خاتا. ئادەتتە، كۈندىلىك ئاش تۇزى قوبۇل قىلىش مىقدارى تېنى ساغلام كىشىلەرنىڭ ئالتە گىرامدىن، يۇقىرى قان بېسىم بولمىغان دىيابېت ئاغرىقلىرىنىڭ بەش گىرامدىن، يۇقىرى قان بېسىم ئاغرىقلىرى ۋە دىيابېت كېسىلى، بۆرەك كېسىلى ئاغرىقلىرىنىڭ ئۈچ گىرامدىن ئېشىپ كەتمەسلىكى، ئەگەر كېسەللىك ئەھۋالى ئېغىرلاشسا، كۈندىلىك ئىستېمال مىقدارى بىر گىرامدىن ئارتۇق بولماسلىقى كېرەك.

  ئىككىنچى، ھەر كۈنى كۆپ مىقداردا ھاراق ئىچىش. ھاراق ئىچىش ئادىتى بار كىشىلەرگە نىسىبەتەن، مۇۋاپىق مىقداردا ھاراق ئىچىش(ئاياللار كۈنىگە بىر رومكا، ئەرلەر كۈنىگە ئىككى رومكا) ئانچە چوڭ مەسىلە پەيدا قىلمايدۇ. تەتقىقاتلاردىن مەلۇم بولۇشىچە، مۇۋاپىق مىقداردا ھاراق ئىچىشنىڭ ھەتتا يۈرەك كېسىلىنىڭ ئالدىنى ئېلىشقا ياردىمى بولىدىكەن. لېكىن، كۆپ مىقداردا ھاراق ئىچىش قان بېسىمىنى ئۇزاق مۇددەت ئۆرلىتىۋېتىش بىلەن بىرگە يەنە ئارتېرىيەنىڭ بوتقىسىمان قېتىشىش خەۋپىنى ئاشۇرۇپ، يۈرەك كېسىلى قوزغىلىش ۋە سەكتىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىكەن.

  ئۈچىنچى، چېنىقىش يېتەرسىز بولۇش. تەتقىقاتلاردىن ئىسپاتلىنىشىچە، چېنىقىش يېتەرسىز بولۇش، ئۇزاق ۋاقىت ئولتۇرۇۋېلىش كۆپ خىل سوزۇلما كېسەللىكلەر، مەسىلەن، يۇقىرى قان بېسىم، يۈرەك قان تومۇر كېسەللىكلىرى، دىيابېت كېسىلى قاتارلىقلارنىڭ پەيدا بولۇشى بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك ئىكەن. ئۇنىڭ ئۈستىگە، چېنىقىش يېتەرسىز بولۇش ئارتېرىيە قېتىشىشنى تېزلىتىپ، يۈرەك ۋە قان تومۇرلارنى تېخىمۇ ھاردۇرۇۋېتىدىكەن.

  تۆتىنچى، ئۇزۇن مۇددەت بېسىم ئاستىدا ياشاش. بۈگۈنكى كۈندە، ئېغىر خىزمەت، زىچ ئورۇنلاشتۇرۇلغان ۋاقىت جەدۋىلى، خىرىسقا تولغان كىشىلىك مۇناسىۋەت كىشىلەرنى ئۇزۇن مۇددەت بېسىم ئاستىدا قالدۇردى. ئۇزۇن مۇددەت بېسىم ئاستىدا ياشاش ئادەم بەدىنىدە ھورمۇن ئاجرىتىپ چىقىرىپ، قان تومۇرلارنىڭ تارىيىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىپ، قان چىقىرىشتىكى قارشىلىق كۈچىنى ئاشۇرۇپ، قان بېسىمىنى ئۆرلىتىۋېتىدۇ.

  بەشىنچى، غېرىبسىنىش ياكى جەمئىيەت ئالاقىسىنى ئۈزۈش. يالغۇزلۇق ھېس قىلغان ياكى چەتكە قېقىلغاندا بېسىم ھېس قىلىشىڭىز ناتايىن، لېكىن بۇ خىل تۇيغۇ دائىم مەۋجۇت بولۇپ تۇرغاندا، ئادەم بەدىنى خەتەرلىك سېزىمچان ھورمۇن قويۇپ بېرىپ، قان بېسىمىنىڭ ئۆرلەپ كېتىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.

  ئالتىنچى، ئۇخلىغاندا نەپەس ۋاقىتلىق توختاش. ئۇيقۇ بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولغان يۇقىرى قان بېسىمنىڭ ئەڭ ئاساسلىق سەۋەبى: ئۇيقۇدىكى توسۇلۇش خاراكتېرلىك نەپەس ۋاقىتلىق توختاش (OSA). بۇ خىل كېسەللىك ئۇيقۇنىڭ ئۈزۈلۈپ قېلىشى ۋە بەدەندىكى ئوكسىگېن مىقدارىنىڭ تۆۋەنلەپ كېتىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ، بەدەننىڭ بۇنىڭغا قايتۇرىدىغان ئىنكاسى دەل قان بېسىم ئۆرلەپ كېتىش بولىدۇ.

  يەتتىنچى، باشقا ساغلاملىق يوشۇرۇن خەۋپلىرى ياكى بەزى دورىلارنى ئىستېمال قىلىش. بەزى كېسەللىكلەر يۇقىرى قان بېسىم بىلەن «تىل بىرىكتۈرۈپ ئەسكىلىك قىلىدۇ»، مەسىلەن، قالقانسىمان بەز كېسىلى، بۆرەك قان تومۇر كېسىلى ۋە كورتىزول كۆپىيىش كېسىلى قاتارلىقلار، بۇ كېسەللەر يۇقىرى قان بېسىمنى تېخىمۇ ئۆرلىتىدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا، بەزى كۆپ ئۇچرايدىغان دورىلارمۇ يۇقىرى قان بېسىمنى ئۆرلىتىدۇ، مەسىلەن، خامۇشلۇققا قارشى دورىلار، قان تولۇشنى ئازايتقۇچى دورىلار، ھامىلىدارلىقتىن ساقلىنىش دورىلىرى، سېتروئىدسىز ياللۇغقا قارشى دورىلار ۋە پرېدنىزون قاتارلىقلار.

  سەككىزىنچى، جەمەت كېسەللىك تارىخى بولۇش. گېن يۇقىرى قان بېسىمنىڭ پەيدا بولۇش جەريانىدا بەلگىلىك رول ئوينايدۇ، مانا بۇ قارىماققا ساغلام كۆرۈنىدىغان ياشلارنىڭ نېمە ئۈچۈن يۇقىرى قان بېسىم دەپ دىياگنوز قويۇلغانلىقىنىڭ سەۋەبى. ئۇنىڭ ئۈستىگە، يۇقىرى قان بېسىم جەمەت كېسەللىك تارىخى بار كىشىلەرنىڭ كۆپ ھاللاردا ئورتاق تۇرمۇش مۇھىتى ۋە ئادىتى بولىدۇ، بۇ يۇقىرى خەتەرلىك كىشىلەر توپىنىڭ كېسەل بولۇش خەۋپىنى ئاشۇرۇۋېتىدۇ.
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ