مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

يېمەك-ئىچمەكتە «بەش قائىدە»نى ئەستە ساقلاش ئىممۇنىتېت كۈچىنى ئاشۇرۇشقا پايدىلىق

2020.06.04 16:41 مەنبە: تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى

  كېسەلگە قارشى تۇرۇش كۈچىنى ئاشۇرۇشتا، تۆۋەندىكى يېمەك-ئىچمەك ئاساسىي تەلىپىنى ئەستە تۇتۇش كېرەك:

  1. تەمى بەك كۈچلۈك تاماقتىن يىراق تۇرۇش كېرەك. يېمەكلىكنىڭ تەمى سۇس بولسا، ئازراق پۇراقلىق ماتېرىيال، پىياز، زەنجىۋىل تالقىنى، قاتتىق مېۋە تالقىنى، كۈنجۈت قىيامى، خاسىڭ قىيامى قاتارلىقلارنى قوشۇپ تەمىنى كۈچەيتىشكە بولىدۇ، لېكىن تۇز ۋە باشقا تۇزلۇق تەم تەڭشىگۈچلەرنى بەك كۆپ ئىشلەتمەسلىك كېرەك.

  2. تاتلىق يېمەكلىكلەرنى كۆپ يېمەسلىك، تاتلىق ئىچىملىك ئىچىشنى تاشلاش كېرەك. تاتلىق يىمەكلىكنى ئاندا-ساندا بىرەر قېتىم يېسەك بولىدۇ، لېكىن تاتلىق يىمەك-ئىچمەككە بېرىلىپ كېتىشكە بولمايدۇ. ھەر كۈنلۈك تاتلىق يېمەكلىكلەر پەقەت بىر خىللا بولسا بولىدۇ، مەسىلەن، بىر ئىستاكان قېتىق، ئازراق ئاق مور ئۇيۇتمىسى، ماروژنى قاتارلىقلار.

  3. كۆپ مىقداردىكى مېۋە-چېۋە، كۆكتاتلارنى تاماق ئورنىدا يېمەسلىك كېرەك. ئەگەر تاماق بەك مايلىق بولسا، ئاندا-ساندا مۇشۇنداق يېسە بولىدۇ، لېكىن ئۇزاق مۇددەت مۇشۇنداق يېگەندە بەدەندە ئاقسىل يېتىشمەسلىكىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.

  4. كۆپ مىقداردىكى بېلىق، دېڭىز مەھسۇلاتلىرى قاتارلىقلارنى تاماق ئورنىدا يېمەسلىك كېرەك. تاماقخانىغا كىرگەندە نۇرغۇن كىشىلەر مۇشۇنداق قىلىدۇ، ئەمەلىيەتتە بۇنداق قىلىش ئاشقازان، ئۈچەي، جىگەر، بۆرەكنىڭ يۈكىنى ئاشۇرۇۋېتىپلا قالماي، ئىممۇنىتېت كۈچىگە پايدىسىز.

  5. تاماقنى ۋاقتىدا يېيىش. ھەر بىر ۋاخ تاماققا سەل قارىماسلىك ياكى تاماق يېيىش ۋاقتىنى بەك كېچىكتۈرۈۋەتمەسلىك كېرەك.
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ