مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

يوپۇرمىقى قېنىق يېشىل رەڭدە بولغان پالەكنىڭ ئوزۇقلۇق قىممىتى تېخىمۇ يۇقىرى بولىدۇ

2020.06.04 16:36 مەنبە: تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى

  پالەك بىر يىلنىڭ تۆت پەسلىدە تېرىغىلى بولىدىغان كۆكتات بولۇپ، سوغۇققا چىدامچان كېلىدۇ، پالەكنىڭ تۈرلىرىدىن ئەتىيازلىق پالەك، يازلىق پالەك، كۈزلۈك پالەك ۋە قىشلىق پالەك بار. قىشلىق پالەك ئادەتتە قىش كىرىشتىن بۇرۇن تېرىلىپ، ئەتىيازدا يىغىۋېلىنىدۇ. ئۇنىڭ ئۈششۈككە قارشى تۇرۇش ئىقتىدارىنى ئاشۇرۇش ئۈچۈن، پالەكنى ئۈچەككە كىرىش مەزگىلىدىن بۇرۇن ئوغۇتلاپ، ئوزۇقلۇق تولۇقلاش كېرەك، بۇ پالەكنىڭ قىشتىن ئۆتۈشىدىكى زۆرۈر بولغان تەدبىر، بۇنىڭ رولى خىلوروفىل (叶绿素)نىڭ مىقدارىنى ئاشۇرۇپ، يوپۇرماقنى تولۇق چوڭايتىپ، فوتوسىنتېز رولىنى كۈچەيتىپ، پالەككە ئوزۇقلۇق توپلاشقا قولايلىق تۇغدۇرۇش. ئۆسۈملۈكلەر ئادەمگە ئوخشاش «تېنى كۈچلۈك» بولغاندىلا ئاندىن سوغۇققا تاقابىل تۇرالايدۇ.

  سېلىشتۇرۇپ ئېيتقاندا، سوغۇق شارائىتتا ئۆسۈپ چىققان پالەك ئانچە قىرتاق بولماستىن تەملىكرەك كېلىدۇ، يازلىق پالەك بىر قەدەر قىرتاق بولۇپ، ئوكسالىك كىسلاتاسى (草酸)نىڭ مىقدارى كۆپرەك بولىدۇ. ئەمەلىيەتتە، ئۆسۈملۈكلەردىكى ئوكسالىك كىسلاتاسى زىيانلىق ماددا ئەمەس، ئۇ ئوكسىدلىنىشقا قارشى تۇرۇش، زىيانداش ھاشاراتلارغا قارشى تۇرۇش ئۈنۈمىگە ئىگە بولۇپ، دېھقانچىلىق دورىلىرىنى ئىشلىتىش مىقدارىنى ئازايتىشقا ۋاسىتىلىك ياردەم بېرىدۇ، شۇڭا بىز ئوكسالىك كىسلاتاسىدىن بىزار بولمىساقمۇ بولىدۇ. يېشىل يوپۇرماقلىق كۆكتاتلارنى ئېلىپ ئېيتقاندا، يوپۇرمىقى قېنىقلاپ كەتكەنلىكى ئوزۇقلۇق قىممىتىنىڭ يۇقىرىلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ. يېشىل يوپۇرمىقىنىڭ رەڭگى قانچە قېنىق بولسا، خىلوروفىل، بىرىكمە ئوزۇقلۇقنىڭ شۇنچە كۆپ ئىكەنلىكىنى، ئوزۇقلۇق قىممىتىنىڭ شۇنچە يۇقىرى بولىدىغانلىقىنى چۈشەندۈرىدۇ. پارنىكتا، سۇدا ئۆستۈرۈلگەن كۆكتات يوپۇرمىقىنىڭ رەڭگى كۆپ ھاللاردا سۇس بولىدۇ، بۇنىڭ سەۋەبلىرىدىن بىرى شۇكى، قۇياش نۇرى يېتەرلىك بولمىغاچقا، تەركىبىدىكى خىلوروفىل يېتەرلىك بولمىغان. ئۇنىڭدىن باشقا، يېشىل يوپۇرماقلىق كۆكتاتلار تەركىبىدىكى فولىك كىسلاتاسى (叶酸)، ۋىتامىن K، كىسانتوفىل (叶黄素) ۋە ماگنىي قاتارلىقلارنىڭ مىقدارى خىلوروفىل مىقدارى بىلەن ئوڭ تاناسىپ تۈزىدۇ.

  نۇرغۇن كىشىلەر پالەكنىڭ ئوزۇقلۇق قىممىتىنى پەقەت «تەركىبىدە تۆمۈر ماددىسى كۆپ، قان تولۇقلايدۇ» دەپ قارايدۇ، ئەمەلىيەتتە ئۇ ئىسمى جىسمىغا لايىق ساغلاملىق كۆكتاتى. مۇناسىۋەتلىك ئوزۇقلۇق تەتقىقات نەتىجىلىرىدىن شۇنى بىلىۋالىمىزكى: پالەكنىڭ تەركىبىدە كالىي مول بولۇپ، مىقدارى بانان ۋە مىخوۋتاۋدىن قېلىشمايدۇ؛ پالەكنىڭ تەركىبىدە ماگنىي مول بولۇپ، كۆكتات ئىچىدە تەركىبىدە ماگنىي ئەڭ كۆپ بولغان كۆكتاتلار ئورنىدا تۇرىدۇ، كالتسىي مىقدارىمۇ تۆۋەن ئەمەس؛ پالەكنىڭ تەركىبىدە كىسانتوفىل مول بولۇپ، ئەنگلىيەلىكلەرنىڭ تەتقىق قىلىشىچە، پالەكنىڭ ياۋروپا يېمەكلىك تاللا بازىرىدىكى كىسانتوفىل مىقدارى ئەڭ كۆپ بولغان كۆكتات ئىكەنلىكى جەزملەشتۈرۈلگەن، كىسانتوفىل ۋە كاروتېن (胡萝卜素) كۆزنى ساغلاملاشتۇرۇشقا پايدىلىق؛ پالەكنىڭ تەركىبىدە فولىك كىسلاتاسى ۋە ۋىتامىن K مول بولۇپ، باشقا يېشىل يوپۇرماقلىق كۆكتاتلار بىلەن سېلىشتۇرغاندا يەنىلا ئالدىنقى ئورۇندا تۇرىدۇ، رەڭگى سۇس بولغان كۆكتاتلارنىڭ پالەك بىلەن بولغان پەرقى تولىمۇ زور؛ پالەكنىڭ تەركىبىدە يېمەكلىك تالالىرى مول بولۇپ، قەۋزىيەتنىڭ ئالدىنى ئېلىشقا پايدىلىق؛ پالەكنىڭ تەركىبىدە كۆپ خىل ئوكسىدلىنىشقا قارشى ماددىلار مول بولۇپ، ئوكسىگېن ئەركىن رادىكالى (氧自由基)نى سۈمۈرۈش ئىقتىدارى كۆكتاتلار ئىچىدە ئەڭ يۇقىرى ئورۇندا تۇرىدۇ؛ پالەكنىڭ تەركىبىدىكى باشقا ئوزۇقلۇق ماددىلارىڭ مىقدارى، جۈملىدىن ۋىتامىن C، كاروتېن ۋە ۋىتامىن B2 قاتارلىقلارنىڭ مىقدارى كۆكتاتلارنىڭ ئوتتۇرىچە سەۋىيەسىدىن يۇقىرى. ئەگەر بەزى خاتا چۈشەنچىلەر تۈپەيلىدىن بۇ خىل تەملىك ھەم ئوزۇقلۇق قىممىتى يۇقىرى بولغان ياخشى يېمەكلىك ماتېرىيالىنى قولدىن بېرىپ قويساق، ھەقىقەتەن ئەپسۇسلىنارلىق ئىش بولىدۇ.

  خەلق تورىدىن تەرجىمە قىلىندى
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ