مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

بالا سېمىز بولسا، زېھنىي كۈچىگە زىيان يېتىدىكەن

2020.06.04 16:35 مەنبە: تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى

  برازىلىيە سان پاۋلو داشۆسى تەتقىقاتچىلىرىنىڭ بايقىشىچە، بالا كىچىكىدىن سېمىز بولسا چوڭ مېڭىسى زىيانغا ئۇچراپ، زېھنىي كۈچىگە تەسىر يېتىدىكەن.

  تەتقىقاتچىلار 12 ياشتىن 16 ياشقىچە بولغان 59 سېمىز بالا ۋە نورمال ئېغىرلىقتىكى 61 بالىنى ئىز قوغلاپ، دىسپېرسىيە تېنزورلۇق تەسۋىر ھاسىل قىلىش(DTI) تېخنىكىسىنى قوللىنىپ ئۇلارنىڭ چوڭ مېڭە ئاق ماددا ھالىتىنى تەكشۈرگەن. ئاندىن DTI تەكشۈرۈش نەتىجىسىدىن پايدىلىنىپ، تەتقىقات گۇرۇپپىسى تۈرلۈك غەيرىي خاراكتىرلىك كەسىر سان(FA) ئۆلچەش كۆرسەتكۈچىنى ھاسىل قىلىپ، ئۇنى چوڭ مېڭە ئاق ماددىسىنىڭ شكالا سانى دەپ قارىغان. بالىنىڭ FA نومۇرى قانچە تۆۋەن بولسا، ئاق ماددىنىڭ زەخىملىنىش دەرىجىسىمۇ شۇنچە روشەن بولغان. مېڭىدىكى بۇ ئۆزگىرىشلەر چوڭ مېڭىنىڭ كەيپىياتنى كونترول قىلىش ئىقتىدارى ۋە بىلىش ئىقتىدارىغا تەسىر كۆرسىتىدىكەن.

  ئۇنىڭدىن باشقا، چوڭ مېڭە ئۇچرىغان نېرۋا زەخىملىنىشىمۇ بەزى ياللۇغ بەلگىلىرى(مەسىلەن، ئورۇق ھورمۇن) بىلەن مۇناسىۋەتلىك ئىكەن. ئورۇق ھورمۇن ياغ ھۈجەيرىلىرىدىن ھاسىل بولىدىغان بولۇپ، ئېنېرگىيە سەۋىيەسىنى ۋە ياغ ساقلاش ئىقتىدارىنى تەڭشەشكە پايدىلىق ئىكەن. سېمىز بالىلارنىڭ چوڭ مېڭىسى ئورۇق ھورمۇنغا ئىنكاس قايتۇرمايدىكەن، بۇ خىل ھادىسە ئورۇق ھورمۇننىڭ قارشىلىقى دەپ ئاتىلىدىكەن. ئۇ بىر خىل يامان خاراكتېرلىك ئايلىنىشنى شەكىللەندۈرۈپ، بالىلارنىڭ داۋاملىق، زىيادە يېمەكلىك يېيىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىكەن، ئۇنىڭدىن كېيىن زىيادە ياغ ھۈجەيرىلىرى يەنە تېخىمۇ كۆپ ئورۇق ھورمۇننى ھاسىل قىلىدىكەن.

  خەلق تورىدىن تەرجىمە قىلىندى
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ