مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

بالىنىڭ پاكار بولۇپ قېلىشى بەلكىم كېسەللىك بولۇشى مۇمكىن

2020.05.13 17:17 مەنبە: تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى

  دۆلەت سەھىيە ۋە ساغلاملىق كومىتېتى 2010-يىلى 19 خىل بالىلار ئىچكى كېسەل تۈرىنىڭ كىلىنىكىلىق مەنبەسىنى ئېلان قىلدى، بۇ پاكىنەك كېسىلىنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. ئىستاتىستىكىغا ئاساسلانغاندا، دۆلىتىمىزدىكى بالىلارنىڭ پاكىنەك كېسىلىگە گىرىپتار بولۇش نىسبىتى تەخمىنەن %3 ئىكەن. مەملىكەت بويىچە تۆت ياشتىن 15 ياشقىچە بولغان بالىلار ئىچىدە، تەخمىنەن 7 مىليون بالا داۋالىنىشقا مۇھتاج بولىدىكەن، لېكىن كېسەل كۆرسەتكەن بالا 300 مىڭغىمۇ يەتمەيدىكەن.

  «مەن بىلەن بالىنىڭ ئاپىسىنىڭ بويى ئېگىز، بالىنىڭ بويى پاكار بولۇشى مۇمكىن ئەمەس»، «بالامنىڭ بويى كېچىكىپ يېتىلدىغان ئوخشايدۇ، ئەينى يىلى مەنمۇ شۇنداق بولغان»، «مەن بالامنىڭ بويىنىڭ ئۆسۈشى ئۈچۈن قانچىلىك پۇل خەجلەپ، ھەر خىل ساغلاملىق مەھسۇلاتلىرىنى سېتىۋالغانلىقىمنى بىلمەيمەن»... نۇرغۇن ئاتا-ئانىدا بالىلىرىنىڭ بوي ئېگىزلىكىنىڭ ئۆسۈشىگە نىسبەتەن خاتا تونۇش مەۋجۇت، ئۇلار بالىنىڭ بويى پاكار بولۇپ قېلىشىنىڭ بەلكىم كېسەللىك ئىكەنلىكىنى بىلمەيدۇ. ساغلاملىق بۇيۇملىرى ئېلانىغا قارىغۇلارچە ئىشىنىپ ياكى بىر تەرەپلىمە قاراپ، بالىلارنىڭ ئۆسۈپ يېتىلىشىدىكى ئەڭ ياخشى پەيتىنى ئاسانلا ئۆتكۈزۈۋېتىدۇ.

  جۇڭگو تېببىي داشۆسى قارىمىقىدىكى 1-دوختۇرخانا بالىلار بۆلۈمىنىڭ مۇدىرى جياڭ خۇڭ تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: بالىلارنىڭ پاكار بولۇشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان ئامىللار ناھايىتى كۆپ. ئىچكى ئاجراتما مەسىلىسى، خروموسوما نورمالسىزلىقى، مېتابولىزم خاراكتېرلىك توسالغۇ كېسىلى، بەدەن ساپاسى خاراكتېرلىك بالاغەتكە يېتىش كېچىكىپ قېلىش قاتارلىق تۇغما ئامىللار، يەنە ئۇيقۇ يېتەرلىك بولماسلىق، ئوزۇقلۇق يېتىشمەسلىك، ھەرىكەت كەمچىل بولۇش، روھىي بېسىم ئېغىر بولۇش قاتارلىق كېيىنكى ئامىللارمۇ مەۋجۇت.

  بوي ئېگىزلىكىنىڭ ئۆسۈشىنىڭ ۋاقىت چەكلىمىسى بولىدۇ، سۆڭەك ئېپىفىزى پۈتۈلگەن ھامان يەنە ئۆسۈش مۇمكىن بولمايدۇ. شۇڭا بالىلارنىڭ ئۆسۈشىدە نورمالسىزلىق كۆرۈلسە، ئاتا-ئانىلار بالدۇراق داۋالىتىشى، قەرەللىك ھالدا قايتا تەكشۈرتۈشى كېرەك. كۆپ ئۇچرايدىغان داۋالاش ۋاسىتىسى كېسەللىك سەۋەبىنى داۋالاش، ئۆستۈرگۈچى ھورمۇن بىلەن داۋالاش قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ، ئوخشاش بولمىغان كېسەللىك سەۋەبىگە ئاساسەن «كېسەلگە قاراپ دورا» بېرىلىدۇ.

  شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، ئائىلىدىكىلەرنىڭ كۆڭۈل بۆلۈشىمۇ بالىلارنىڭ ئۆسۈپ يېتىلىشىدىكى مۇھىم ھالقا. جياڭ خۇڭ مۇنداق تەكلىپ بەردى: ئاتا-ئانىلار بالىلارغا «ياخشى يېيىش»، «ياخشى ئويناش»، «ياخشى ئۇخلاش»، «كەيپىياتنى ياخشى تۇتۇش» قاتارلىق جەھەتلەردە كۆڭۈل بۆلۈشى كېرەك: بالىلار ئەتىگەن ۋە كەچتە بىر قاپ سۈت ئىچىپ كالتسىي تولۇقلىشى كېرەك، مايدا پىشۇرۇلغان يېمەكلىكلەرنى ئاز يېيىش، كاربونات كىسلاتالىق ئىچىملىكلەرنى ئاز ئىچىش؛ ھەر كۈنى سىرتتا بىر سائەت ھەرىكەت قىلىش، كۆپرەك سەكرەش، يۈگۈرۈش، توپ ئويناش، بەدەننى يۇقىرىغا تارتىش قاتارلىق ئۆسۈشكە پايدىلىق ھەرىكەتلەرنى ئىشلەش؛ ئوقۇش يېشىغا توشمىغان بالىلار سائەت 21:00دىن بۇرۇن ئۇخلاش، ئوقۇش يېشىدىكى بالىلار سائەت 22:00دىن بۇرۇن ئۇخلاش كېرەك؛ بالىلارغا ياخشى بولغان ئائىلە كەيپىياتى يارىتىپ بېرىش، بەك چوڭ بېسىم قىلماسلىق، بالىلارغا ئازادە، خۇشال كەيپىيات يارىتىش كېرەك.
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ