مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

ھامىلىدارلىق مەزگىلدە، يۇقىرى تالالىق يېمەكلىكلەرنىڭ ئانا-بالا ساغلاملىقىغا پايدىسى كۆپ

2020.05.13 17:16 مەنبە: تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى

  ئاۋسترالىيەدىكى بىر تۈرلۈك يېڭى تەتقىقاتتا كۆرسىتىلىشىچە، ئاياللار ھامىلىدارلىق مەزگىلىدە تالالىق يېمەكلىكلەرنى كۆپرەك يەپ بەرسە، ئانا-بالا ساغلاملىقىغا پايدىسى كۆپ ئىكەن، بۇ ھەم ھامىلىدار ئاياللارنىڭ بىشارەتلىك ھامىلىدارلىق تۇتقاقلىقىغا گىرىپتار بولۇش خەۋپىنى ئازايتىدىكەن، ھەم ھامىلە ئىممۇنىتېت سىستېمىسىنىڭ يېتىلىشىگە پايدىلىق ئىكەن.

  ئاۋسترالىيە سىدنېي داشۆسى قاتارلىقلارنىڭ تەتقىقاتچىلىرى ئەنگىلىيە «تەبىئەت. ئالاقە» ژورنىلىنىڭ يېڭى سانىدا ئېلان قىلغان دوكلاتىدا مۇنداق دېيىلدى: يېمەكلىك تەركىبىدىكى تالا ئۈچەي يولىدا باكتېرىيە تەرىپىدىن پارچىلىنىپ، سىركە كىسلاتاسىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان قىسقا زەنجىرلىك ياغ كىسلاتاسىنى ھاسىل قىلىدۇ، ئەگەر ھامىلىدار ئاياللارنىڭ تېنىدە سىركە كىسلاتاسى تۆۋەن بولسا، بىشارەتلىك ھامىلىدارلىق تۇتقاقلىقىغا گىرىپتار بولۇش خەۋپى يۇقىرى بولىدۇ.

  ھامىلىدار ئاياللارنىڭ بىشارەتلىك ھامىلىدارلىق تۇتقاقلىقىغا گىرىپتار بولۇشى ھامىلە ئىممۇنىتېت سىستېمىسىنىڭ يېتىلىشىگە پايدىسىز. سىدنېي داشۆسىنىڭ پروفېسسورى رالف ناناننىڭ ئېيتىشىچە، ساغلام ھامىلىدار ئاياللارنىڭ تېنىدىكى ھامىلىگە سېلىشتۇرغاندا، بىشارەتلىك ھامىلىدارلىق تۇتقاقلىقىغا گىرىپتار بولغان ھامىلىدار ئاياللارنىڭ تېنىدىكى ھامىلىنىڭ تۆش بىزى خېلىلا كىچىك بولىدۇ، ئۇنىڭ ئۈستىگە بالا تۇغۇلۇپ تۆت يىلدىن كېيىن بەدىنىدىكى T ھۈجەيرىسىنىڭ سانى نورمال سەۋىيەدىن تۆۋەن بولىدۇ. ئەگەر ئادەم بەدىنىدە T ھۈجەيرىسىگە ئوخشاش ئىممۇنىتېت ھۈجەيرىسى كەمچىل بولسا، زىيادە سەزگۈرلۈك، دىيابېت قاتارلىق كېسەللەرنى پەيدا قىلىش خەۋپى يۇقىرى بولىدۇ.

  نانان مۇنداق تەكلىپ بەردى: «ئاياللار ھامىلىدارلىق مەزگىلىدە كۆكتات قاتارلىق تالا تەركىبى بىر قەدەر يۇقىرى يېمەكلىكلەرنى، مېۋە، قاتتىق پوستلۇق مېۋە قاتارلىق ھەر خىل تەبئىي يېمەكلىكلەرنى كۆپرەك يېيىشى، پىششىقلاپ ئىشلەنگەن يېمەكلىكلەرنى ئاز يېيىشى كېرەك، جۇڭگوچە تائاممۇ ياخشى تاللاشتۇر».

  خەلق تورىدىن تەرجىمە قىلىندى
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ