مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

دائىم چېنىققاندا قۇلاق تېخىمۇ سەزگۈر بولىدىكەن

2020.05.13 17:15 مەنبە: تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى

  ئامېرىكا غەربىي شىمال داشۆسى ئاڭلاش سېزىمى نېرۋا ئىلمى تەجرىبىخانىسىدىكى ئالاقە ئىلمى ۋە نېرۋا بىئولوگلىرىنىڭ بايقىشىچە، دائىم چېنىققاندا، چوڭ مېڭىنىڭ ئاۋازنى بىر تەرەپ قىلىش ئىقتىدارىنى يۇقىرى كۆتۈرۈپ، مېڭىنىڭ ئەتراپتىكى سەزگۈر ئەزالار مۇھىتىنى تېخىمۇ ياخشى چۈشىنىشىگە ياردەم بېرىپ، ئاڭلاش ئىقتىدارىنى تېخىمۇ سەزگۈر قىلىدىكەن. بۇ تەتقىقات «تەنتەربىيە ساغلاملىق ژۇرنىلى»دا ئېلان قىلىنغان ئىكەن.

  تەتقىقاتچىلار ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى ئارىسىدىن 495 نەپەر قىز-ئوغۇل تەنھەرىكەتچى (زەيتۇن توپ، پۇتبول ۋە دوگۇر توپ قاتارلىق تۈرلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ)نى تاللىغان ھەمدە بۇنىڭدىن باشقا ياش ۋە جىنسى ئوخشاش بولغان 495 نەپەر تەنھەرىكەتچى بولمىغانلارنى سېلىشتۇرما گۇرۇپپا قىلىپ تاللىغان. سىناققا قاتناشقۇچىلارنىڭ چوڭ مېڭە ھەرىكىتى باش تېرىسىدىكى ئېلېكتىرود ئارقىلىق نازارەت قىلىنغان ھەمدە ئۇلار تاقىۋالغان نائۇشنىكتا سۆز قىلغان ئاۋازنى قويۇپ بەرگەن. ئانالىز نەتىجىسىدە كۆرسىتىلىشىچە، سېلىشتۇرما گۇرۇپپىسىغا قارىغاندا، تەنھەرىكەتچىلەرنىڭ ئاڭلاش ئىقتىدارى تېخىمۇ سەزگۈر بولۇپ، ئېلېكتىر شاۋقۇنىنى پەسەيتىش ئارقىلىق تاشقى مۇھىتتىكى ھەقىقىي پايدىلىق ئاۋازنى ياخشى بىر تەرەپ قىلىشقا تېخىمۇ ماھىر بولغان، مەسىلەن، تەنھەرىكەتچىلەر مۇسابىقە ۋاقتىدا ئۆزىنىڭ ھەمراھلىرى ياكى تىرېنېرلىرىنىڭ چاقىرىشىنى توغرا ئاڭلىيالىغان.

  تەتقىقاتچىلار يەنە تولۇقلاپ دائىم تەنھەرىكەت بىلەن شۇغۇللىنىدىغانلار نېرۋا سىستېمىسىنى تېخىمۇ ياخشى تىنچلاندۇرالايدۇ، نېرۋا سىستېمىسىنىڭ ساغلاملىقى يارىلىنىش ياكى باشقا ساغلاملىق مەسىلىلىرىنى تېخىمۇ ياخشى بىر تەرەپ قىلىشقا پايدىلىق، دېگەن. بۇ بايقاشنىڭ ئاڭلاش ئىقتىدارى ئاجىز كىشىلەرگە ھەرىكەتنى ئاساس قىلغان يېڭى داۋالاش ئۇسۇلىنى ئېچىشقا ياردىمى بولىدىكەن.

  خەلق تورىدىن تەرجىمە قىلىندى
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ