مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

ساغلام تۇرمۇش ئادىتى ئەسكەرتمىسى

2020.05.13 17:15 مەنبە: تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى

  ئۇيقۇ سۈپىتىنى كۆتۈرۈش

  ياخشى ئۇيقۇ بەدەننى تولۇق ئارام ئالدۇرۇپ، مۇسكۇللارنىڭ سۈپىتىنى ئاشۇرىدۇ. قانداق قىلغاندا ياخشى ئۇخلىغىلى بولىدۇ؟ بىرىنچى، ئۇخلاشتىن يېرىم سائەت بۇرۇن ئېلېكتىرونلۇق بۇيۇملارنى ئېتىۋېتىش؛ ئىككىنچى، ئۆي قاراڭغۇ بولۇش؛ ئۈچىنچى، ئۇخلاش ۋاقتىنىڭ ھەر كۈنى يەتتە سائەتتىن سەككىز سائەتكىچە بولۇشىغا كاپالەتلىك قىلىش.

  خالىغان ۋاقىتتا سوزۇلۇپ ھەرىكەت قىلىش

  ئۇزۇن ئولتۇرۇپ، ھەرىكەت ئاز بولغاندا ھەمدە قىياپەت توغرا بولمىغاندا بەدىنىمىز قېتىپ كېتىدۇ. شۇڭا ئادەتتە بەدەن ھالىتىگە دىققەت قىلىپ، دۈمچەك بولۇپ قېلىشتىن ساقلىنىش كېرەك. ئەگەر چوقۇم ئۇزاق ئولتۇرۇشقا توغرا كەلگەندە، ھەر يېرىم سائەتتە بىر قېتىم ئورنىدىن تۇرۇپ دەم ئېلىش كېرەك. ھەر كۈنى كەچ بەدەن چېنىقتۇرغاندىن كېيىن 20 مىنۇت بەدەننى ئۇۋۇلاپ ئارام ئالدۇرسا تېخىمۇ ياخشى ئۇخلىغىلى بولىدۇ.

  كۆكتات، مېۋە -چېۋىلەرنى كۆپ يېيىش

  تەكشۈرۈشكە ئاساسلانغاندا، كۆكتات، مېۋ-چېۋىلەرنى كۆپ يېيىش راك كېسىلى ۋە يۈرەك كېسىلىگە گىرىپتار بولۇش خەۋپىنى تۆۋەنلىتىدىكەن. كۆكتات، مېۋە-چېۋىلەرنى ئەڭ ئاسان كۆرگىلى بولىدىغان، خالىغانچە ئالغىلى بولىدىغان جايغا قويۇپ، ئۆزىگە كۆكتات، مېۋە-چېۋىلەرنى كۆپرەك يېيىشنى ئەسكەرتىپ تۇرۇش كېرەك، كۆكتات، مېۋە-چېۋىلەرنى توغراپ، ئادەمنى سەمرىتىدىغان پېچىنە-پىرەنىك، ئۇششاق يېمەكلىكلەرنىڭ ئورنىدا يىيىشكىمۇ بولىدۇ.

  ھەر كۈنى يېرىم سائەت ھەرىكەت قىلىش

  تەتقىقاتلاردا كۆرسىتىلىشىچە، ھەر كۈنى 30 مىنۇت ھەرىكەت قىلىشنىڭ پايدىسى بار بولۇپ، يۈرەك كېسىلى، دىيابېت كېسىلى، سۆڭەك شالاڭلىشىش، سېمىزلىك، تەشۋىشلىنىش قاتارلىقلارنىڭ ئالدىنى ئالىدىكەن، يەنە تەتقىقاتلاردا كۆرسىتىلىشىچە، ھەرىكەت ئادەمنى خۇشال قىلىپ، ئۆزىگە بولغان ئىشەنچىنى ئاشۇرىدىكەن. ئەگەر سىز ھەرىكەت قىلمىغىلى ئۇزۇن بولغان بولسا، پىيادە مېڭىشتىن باشلىسىڭىز بولىدۇ، پىيادە مېڭىش ئەڭ ئاددىي، ئەڭ تېجەشلىك بولغان يۈرەك-ئۆپكە ئىقتىدارى مەشىقى بولۇپ، ھەر كۈنى 20-30 مىنۇت تېز مېڭىشنى داۋاملاشتۇرسىڭىز، چوقۇم نۇرغۇن ياخشى تەرەپلەرنى ھېس قىلالايسىز.

  كېسەللىكنىڭ قول ئارقىلىق كىرىشىنى توسۇش

  قول نۇرغۇن كېسەللىكنىڭ تارقىلىشىدا ئىنتايىن مۇھىم ۋاسىتىلىك رول ئوينايدۇ، باكتېرىيە، ۋىرۇس بىلەن يۇقۇملانغان قول ئېغىز بوشلۇقى ۋە بۇرۇن ئەتراپىدىكى تېرىلەر بىلەن ئۇچراشقاندا تېزلا يۇقۇملىنىدۇ ۋە تارقىلىدۇ. شۇڭا، قولنى پات-پات يۇيۇپ تۇرۇش ئىنتايىن مۇھىم.

  مۇۋاپىق ئاپتاپقا قاقلىنىش

  قۇياش نۇرى بىر خىل تەبىئىي روھلاندۇرۇش دورىسى. ئەڭ ياخشى روھلاندۇرۇش ئۇسۇلى تاڭ نۇرىدا يېرىم سائەت سەيلە قىلىش ياكى ئاستا يۈگۈرۈش. چۈنكى بۇ خىل ئۇسۇل بەدەندە كۆپ مىقداردا ۋىتامىن Dنى ساقلايدۇ، سۆڭەك ۋە چىشنىڭ ساغلاملىقىنى كۈچەيتىشكە پايدىلىق. قۇياش نۇرى يەنە ناھايىتى ياخشى فىزىكىلىق دېزىنفېكسىيە ھېسابلىنىدۇ.

  يان تېلېفوننى سۈرتۈپ تۇرۇش

  كۈندىلىك تۇرمۇشتا بىز يان تېلېفوندىن ئايرىلالمايمىز. يان تېلېفون كۆپ خىل باكتېرىيەلەر بىلەن ئۇچراشقاندىن كېيىن، ئېغىز، بۇرۇن، كۆز باكتىرىيەلىرىنىڭ ئادەم بەدىنىگە بىۋاسىتە كىرىش ئېغىزى بولۇپ قالىدۇ. مىكرو بىئولوگىيە ئالىملىرى تەركىبىدە دېزىنفېكسىيە سۇيۇقلۇقى بولغان قەغەزدە يان تېلېفوننى ھەپتىدە ئاز دېگەندە بىر قېتىم سۈرتۈشنى تەۋسىيە قىلىدۇ.

  تۇتقۇچلارنى تۇتقاندا قەغەز ئىشلىتىش

  ئاممىۋى تازىلىق ئۆيىدىكى تەرەت قاچىسى سېلىنچىسى باكتېرىيە ئەڭ كۆپ جاي ئەمەس. ئامېرىكا فىلورىدا داشۆسى تەتقىقاتچىلىرىنىڭ بايقىشىچە، ئەمەلىيەتتە، ئاممىۋى جۈمەك، سوپۇن سۇيۇقلۇقى ۋە ئىشىك تۇتقۇچلىرىدا باكتېرىيە ئەڭ كۆپ ئىكەن. شۇڭلاشقا ئەڭ ياخشىسى ئالدىنئالا قەغەز تەييارلاپ قويۇپ، ئاندىن تۇتقۇچ تۇتقان ياخشىكەن.

  قول سومكىسىنى دائىم تازىلاپ تۇرۇش

  قول سومكىسى سىز بىلەن ھەر خىل جايلارغا بارىدۇ، خىزمەت ئۈستىلى، تاماق ئۈستىلىگە قويۇلىدۇ؛ ئۆيگە قايتقاندىن كېيىن بەلكىم يەنە سافا، ئاشخانىدىكى ئۈستەلگە ياكى كارىۋاتقا قويۇلۇشى مۇمكىن. شۇڭا، دېزىنفېكسىيە سۇيۇقلۇقىدا قول سومكىسىنىڭ سىرتقى يۈزىنى قەرەللىك سۈرتۈپ تازىلاش كېرەك.
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ