مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

[يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش دەرسخانىسى] كېسەللىكلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش مۇتەخەسسىسىنىڭ خىزمەتچىلەرگە بەرگەن ئالتە تۈرلۈك ساغلاملىق مۇداپىئەسى تەكلىپى

2020.03.30 19:07 مەنبە: تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى

  1. كېسەل تۇرۇپ ئىشقا بارماسلىق، ئەگەر يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغىنىڭ گۇمانلىق ئالامەتلىرى كۆرۈلسە، جۈملىدىن قىزىش، يۆتىلىش، يۇتقۇنچاق ئاغرىش، دېمى سىقىلىش، نەپەس قىيىنلىشىش، ماغدۇرسىزلىنىش، كۆڭلى ئېلىشىش، قۇسۇش، ئىچى سۈرۈش، بىرىكتۈرگۈچى پەردە ياللۇغى، مۇسكۇل تېلىپ ئاغرىش قاتارلىق ئالامەتلەر كۆرۈلسە، كېسەل تۇرۇپ ئىشقا بارماسلىق كېرەك. ماسكا تاقاپ ۋاقتىدا دوختۇرغا كۆرۈنۈش كېرەك.

  2. ئىشخانىدا يالغۇز ئىشلەيدىغان خىزمەتچىلەر پىرىنسىپ جەھەتتە ماسكا تاقىمىسىمۇ بولىدۇ. بىر ئىشخانىدا كۆپ ئادەم بىللە ئىشلەيدىغان خىزمەتچىلەر ئىشخانا مۇھىتى ئازادە، شامال ئۆتۈشۈشى ياخشى، خىزمەتداشلارنىڭ سالامەتلىك ئەھۋالى ياخشى بولغان ئەھۋالدا ماسكا تاقىمىسىمۇ بولىدۇ. باشقا خىزمەت مۇھىتىدا ياكى خەۋپنى مۇقىملاشتۇرۇش ئامالسىز مۇھىتتا ماسكا تاقىۋېلىش كېرەك، ئادەتتە داۋالاشتا ئىشلىتىلىدىغان بىر قېتىملىق ماسكا تاقاش كېرەك.

  3. بۇلغانغان بۇيۇملار بىلەن ئۇچراشقاندىن كېيىن چوقۇم قولنى يۇيۇش ياكى دېزىنفېكسىيەلەش كېرەك. سىرتقا چىقىپ ئۆيگە قايتقاندا، چوقۇم ئاۋۋال قول يۇيۇش كېرەك.

  4. مۇھىت تازىلىقىنىڭ پاكىزلىقىنى ساقلاش، ئەخلەتلەرنى ۋاقتىدا بىر تەرەپ قىلىش كېرەك.

  5. ئاممىۋى بۇيۇملار ۋە ئامما كۆپ تېگىشىدىغان جايلارنى ۋە مۇشۇ جاي بىلەن كۆپ تېگىشىپ قالىدىغان قىسىمنى قەرەللىك يۇيۇپ تۇرۇش ۋە دېزىنفېكسىيە قىلىش كېرەك.

  6. لىفىتقا چىقىشتىن ئىمكانقەدەر ساقلىنىش، ئامال بار پەلەمپەيدىن مېڭىش تەكلىپىنى بېرىمىز. لىفىتقا چىققاندا ماسكا تاقىۋېلىش، لېفىتنىڭ تېمىغا تېگىشىشنى ئىمكانقەدەر ئازايتىش، قول بىلەن كۆزىنى ئۇۋۇلاش، بۇرنىنى كوچىلاش قاتارلىق ھەرىكەتلەرنى ئازايتىش كېرەك. لىفىت كۇنۇپكىسىنى باسقاندىن كېيىن قول يۇيۇش كېرەك.

  خەلق تورىدىن تەرجىمە قىلىندى
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ