مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

[يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش دەرسخانىسى] ئىلمىي ئۇسۇلدا يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىشتا ياشانغانلار تۆۋەندىكى بەش نۇقتىغا دىققەت قىلىشى كېرەك

2020.03.30 19:06 مەنبە: تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى

  (1) ئامال بار سىرتقا چىقماسلىق، ئادەم توپلاشقان جايلارغا بارماسلىق، ۋىرۇس بىلەن ئۇچرىشىش پۇرسىتىنى ئازايتىش، يۇقۇش مۇمكىنچىلىكى بولغان يوللارنى ئۈزۈپ تاشلاش، چوقۇم سىرتقا چىقىشقا توغرا كەلگەندە مۇداپىئە خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش كېرەك.

  (2) ئۆزىگە بىر يېڭى ساغلام ۋاقىت جەدۋىلى تۈزۈپ، ئارام ۋاقتىنى قانۇنىيەتلىك قىلىش، ياخشى بولغان شەخسىي تازىلىق ئادىتىنى ساقلاش كېرەك.

  (3) ئورگان تاراتقۇلىرى ئارقىلىق نوپۇزلۇق ئۇچۇرلارنى ئىگىلەش، باشقا يوللار ئارقىلىق ئېرىشكەن ئۇچۇرلارغا ئاسانلىقچە ئىشىنىپ كەتمەسلىك، تارقاتماسلىق، بىھۇدە ۋەھىمىگە چۈشۈش ۋە تىت-تىت بولۇشتىن ساقلىنىش كېرەك.

  (4) ياخشى كەيپىياتنى ساقلاپ، ئائىلىسىدىكىلەر بىلەن كۆپرەك پاراڭلىشىپ، سىردىشىپ، تۇغقانلىرى، دوستلىرى بىلەن يان تېلېفون، ئالاقە تورى قاتارلىقلار ئارقىلىق پىكىر ئالماشتۇرۇپ، ئۆزئارا كۆيۈنۈپ، ئۆزئارا قوللاش كېرەك.

  (5) ئەگەر قورقۇش، تەشۋىشلىنىش كەيپىياتى كۆرۈلسە، ئائىلىسىدىكىلەرگە دېيىش، ئۆزىنى ئەركىن قويۇۋېتىش مەشىقى ئېلىپ بېرىش قاتارلىق ئۇسۇللار ئارقىلىق پاسسىپ كەيپىياتنى تۈگىتىش كېرەك؛ ئەگەر پاسسىپ كەيپىيات ياخشىلانمىسا، ئالاقە تورى ياكى پىسخىكا جەھەتتىن ياردەم بېرىش قىزىق لىنىيەسى ئارقىلىق كەسپىي ياردەم سورىسا بولىدۇ.

  خەلق تورىدىن تەرجىمە قىلىندى
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ