مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

ياشانغانلار يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسى ئالدىدا قانداق قىلىشى كېرەك؟

2020.03.30 18:49 مەنبە: تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى

  تىيانشان تورى خەۋىرى (مۇخبىرىمىز ۋاڭ نا خەۋەر قىلىدۇ): يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمىنىڭ تەسىرىدە، يېقىندا نۇرغۇن ياشانغانلارنىڭ روھى چۈشكۈنلەشتى. ئۇنداقتا، روھىي ھالەتنى قانداق تەڭشەش كېرەك؟ 2-ئاينىڭ 14-كۈنى، ئۈرۈمچى شەھەرلىك 4-خەلق دوختۇرخانىسى روھىي كېسەللىكلەر بۆلۈمىنىڭ مەسئۇل ۋىراچى، ئوتتۇرا دەرىجىلىك پىسخىكىلىق داۋالىغۇچى مەلىكەم بۇ ئەھۋالغا قارىتا تەكلىپ-پىكىر بەردى.

  تونۇشتۇرۇلۇشىچە، يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمى يۈزبەرگەندىن بۇيان، مەلىكەمدىن مەسلىھەت سورىغان ياشانغانلاردىكى مەسىلە ئاساسلىقى ئىككى تۈرلۈك بولۇپ، بىرى، تۇرمۇش رېتىمى تۇيۇقسىز ئۆزگەرگەچكە، بەزى ياشانغانلار ماسلىشالماي، كەيپىياتى چۈشكۈنلىشىپ، مەيۈسلەنگەن؛ يەنە بىرى، بەزىلەر ھەتتا ئۆزىنىڭ يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسىنى يۇقتۇرۇۋالغانلىقىدىن ئەنسىرەپ، مۇتەخەسسىسلەرنىڭ پىكرىنى ئاڭلاپ باقماقچى بولغان.

  مەلىكەم مۇنداق تەكلىپ بەردى، ياشانغانلار يۇقۇمغا پەرۋا قىلمىسا بولمايدۇ، شۇنداقلا زىيادە قورقۇپ كەتمىسىمۇ بولىدۇ، ئىلمىي ئۇسۇلدا يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىپ، تىزگىنلەپ، ئۆزىنىڭ ساغلاملىقىغا مەسئۇل بولسىلا بولىدۇ.

  ئالدى بىلەن، ياشانغانلار قانۇنىيەتلىك، ساغلام بولغان تۇرمۇش ۋە دەم ئېلىش ئادىتىنى داۋاملاشتۇرۇپ، يېمەك ئىچمەكنى مۇۋاپىق ئورۇنلاشتۇرۇپ، مۇۋاپىق مىقداردا بەدەن چېنىقتۇرۇشى، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، شەخسىي قوغدىنىش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلىشى كېرەك. ماسكىنى توغرا تاقىشى، قولنى پات-پات يۇيۇپ تۇرۇشى، ئۆينىڭ ھاۋاسىنى ئالماشتۇرۇپ تۇرۇشى كېرەك. سوزۇلما خاراكتېرلىك كېسەلگە گىرىپتار بولغان ياشانغانلار دوختۇرنىڭ كۆرسەتمىسى بويىچە، ۋاقتىدا، قانۇنىيەتلىك ھالدا، ئۆلچەملىك مىقداردا دورا يەپ، مۇناسىۋەتلىك كېسەللىكلەرنىڭ ئىككىنچى دەرىجىلىك ئالدىنى ئېلىپ داۋالاشنى ياخشى ئىشلىشى، بىئاراملىق ھېس قىلغاندا دەرھال دوختۇرغا كۆرۈنۈشى كېرەك.

  ئۇنىڭدىن باشقا، ياشانغانلار ئۆزىنىڭ تۇرمۇش مەزمۇنىنى سەرخىللەشتۈرۈپ، دىققىتىنى يۆتكىشى كېرەك. ياشانغانلار ئائىلىدە كۆڭۈل ئېچىش پائالىيەتلىرىنى مۇۋاپىق ئېلىپ بارسا بولىدۇ، مەسىلەن، ئائىلىسىدىكىلەر بىلەن ئويۇن ئويناش، ھەرىكەت ئىشلەش، بالىلار بىلەن كۆپ پىكىرلىشىش، تېلېفون، تور ئارقىلىق قەدىناس دوستلىرى بىلەن ئالاقىلىشىش قاتارلىقلار. بۇنىڭدىن باشقا ياشانغانلار يەنە مۇناسىۋەتلىك ئۇچۇرلارنى قوبۇل قىلىش مىقدارىنى تىزگىنلەپ، تورغا چىقىپ يۇقۇم ئەھۋالى توغرىسىدىكى خەۋەرلەرنى كۆپ كۆرمەسلىكى كېرەك، خەۋەرلەرنىڭ پىسخىكىسىغا تەسىر يەتكۈزۈپ قويۇشىدىن ساقلىنىشى كېرەك.

  بەزى ياشانغانلار بالىلىرىنىڭ يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش 1-سېپىدا ئىشلەۋاتقانلىقىدىن ئەنسىرەيدۇ، تىت-تىت بولىدۇ، بۇ خىل ئەھۋالغا قارىتا مەلىكەم بەك توغرا چۈشىنىدىغانلىقىنى بىلدۈردى، ھەمدە كەسپىي جەھەتتىن كۆپچىلىككە مۇنداق دېدى، بالىلار خىزمەت قىلىشتىن بۇرۇن، يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇستىن مۇداپىئەلىنىش بويىچە تەربىيەلىنىدۇ، بەلگىلىك كەسپىي ساۋاتقا ئىگە، ئۆزلىرىنى ياخشى قوغدىيالايدۇ. «ياشانغان دوستلار شۇنىڭغا ئىشىنىڭلاركى، بالىلىرىڭلار ۋە تەشكىل يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش خىزمىتىنى چوقۇم ياخشى ئىشلەيدۇ».

  ئاخىرىدا، مەلىكەم ياشلارغا ئەگەر ئاتا-ئانىسى بىلەن بىللە تۇرسا، ئۇلارغا كۆپرەك كۆڭۈل بۆلۈپ، ئۇلارنىڭ كەيپىياتىغا كۆڭۈل بۆلۈش، كۆپرەك پىكىر ئالماشتۇرۇپ، دائىم پاراڭلىشىپ تۇرۇش تەكلىپىنى بەردى. ئەگەر بالىلار ئاتا-ئانىسى بىلەن بىللە تۇرمىسا، دائىم ئاتا-ئانىسىغا تېلېفون قىلىپ، ئۇلارغا ئاكتىپ، ساغلام تەرەپنى نامايان قىلىشنى ئېيتتى.
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ