مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

ماسكا تاقىغاندا كۆزەينەك ھوردىشىپ قالسا قانداق قىلىش كېرەك؟

2020.03.24 17:07 مەنبە: تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى

  نۆۋەتتە، يۇقۇم ئەھۋالى ئېغىر، ماسكا تاقاش ۋىرۇسنىڭ تارقىلىشىنى ئۈنۈملۈك توسۇپ قالالايدۇ، لېكىن كۆزەينەك تاقايدىغان دوستلار ماسكا تاقىغاندا، كۆزەينىكى ھوردىشىپ، كۆرۈش تۇيغۇسىغا ئېغىر تەسىر كۆرسىتىدۇ، قانداق قىلغاندا ئەينەكنىڭ ھوردىشىپ قېلىشىنى ئۈنۈملۈك ئازايتقىلى بولىدۇ؟ شىنجاڭ تېببىي داشۆسى قارمىقىدىكى 1-دوختۇرخانا كۆز كېسەللىكلىرى بۆلۈمى نۇرغۇن تەجرىبە قىلغاندىن كېيىن، ئۈنۈملۈك ئۇسۇللارنى تېپىپ چىقتى.

  ئەڭ ئاسان مەشغۇلات: كۆزەينەكنى ماسكىنىڭ ئۈستىگە بېسىپ تاقاش

  ئالدى بىلەن ماسكا تاقاش ئۇسۇلىنىڭ توغرا بولۇشىغا كاپالەتلىك قىلىش كېرەك، داۋالاشتا ئىشلىتىلىدىغان ماسكا تاقىغاندا، مېتال تاياقچە بار تەرىپىنى قاڭشار ئۈستىگە قويۇپ، مېتال تاياقچىنى قاڭشارغا ماس ھالدا ئېگىپ، ماسكا بىلەن يۈز ئارىلىقىدىكى يوچۇقنى ئازايتىپ، ئاندىن كۆزەينەكنى ماسكىنىڭ ئۈستىگە بېسىپ تاقاش كېرەك.

  ئەمما، بۇ ئۇسۇلنىڭ يېتەرسىزلىكىمۇ بار: بۇ خىل ئۇسۇل كۆزەينەكنىڭ ئەينىكى بىلەن كۆز ئالمىسى ئارىسىدىكى ئارىلىقنى چوڭايتىپ، كۆزەينەكنىڭ توغرا ئىشلىتىش ئارىلىقىنى ئۆزگەرتىۋېتىدۇ، كۆزەينەك ئەڭ ياخشى كۆرۈش ئۈنۈمىنى كۆرسىتەلمەي، ئاسانلا كۆز چارچاشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. شۇڭا بۇ ئۇسۇلنى ئۇزاق ۋاقىت ئىشلىتىشكە بولمايدۇ.

  ئەڭ ياخشى مەشغۇلات: تازىلىق قەغىزىنى ماسكا ئىچىگە قاتلاپ قويۇش

  ئالدىدا تونۇشتۇرغان مەشغۇلاتتىكى نۇقسانلاردىن ساقلىنىش ئۈچۈن، كۆپ قېتىم تەجرىبە قىلىش ئارقىلىق يەنە بىر ئاددىي ئۇسۇل تېپىپ چىقىلدى: بىز ھازىر كەڭ ئىشلىتىۋاتقان داۋالاشتا ئىشلىتىلىدىغان ماسكا ئىچىگە بىر پارچە قەغەزنى قاتلاپ قويۇش ئارقىلىق بۇ مەسىلىنى ئاساسىي جەھەتتىن ھەل قىلغىلى بولىدۇ. مەسىلەن، رەسىمدە كۆرسىتىلگەندەك.

  ئىشلەتكەندە دىققەت قىلىشقا تېگىشلىكى شۇكى: قەغەزنى قاتلاپ تاياقسىمان ھالەتكە كەلتۈرگەندىن كېيىن، ماسكىدىكى مېتال تاياقچىنىڭ ئاستىغا قويۇش، مېتال تاياقچىنى چوقۇم قاڭشارغا ماس ھالەتتە ئېگىپ، ماسكا بىلەن يۈز تېرىسىنىڭ ئارىلىقىنى تارايتىش كېرەك.

  توردا تارقالغان تۆۋەندىكى ئۇسۇللار ئۈنۈمسىز!

  تەجرىبىدە ئىسپاتلىنىشىچە، توردا تارقالغان سوپۇن سۈيى ياكى قاچا يۇيۇش سۇيۇقلۇقىنى كۆزەينەككە سۈرتۈش ئارقىلىق ھورلىنىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۇسۇلى ئۈنۈمسىز بولۇپلا قالماي، ئەكسىچە قويۇق تەڭشىلىپ قالغان سوپۇن سۈيى ياكى قاچا يۇيۇش سۇيۇقلىقى ئەسلىدىكى كۆزەينەكنىڭ ئەينىكىنى قوغداش، سۈزۈكلۈك دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈش، ئۇلترا بىنەپشە نۇردىن ساقلاش رولىنى ئۆتەۋاتقان ۋاكۇئۇملۇق ھەلنى چىرىتىۋېتىدۇ.
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ