مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

توكداننى ئەڭ ياخشىسى تىك ھالەتتە ئىشلەتكەن ياخشى

2020.03.24 17:06 مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

  توكدان(چۇڭديەنباۋ) توك ساقلاش، بېسىم ئاشۇرۇش، توك قاچىلاشنى باشقۇرۇش بىر گەۋدە قىلىنغان، ئېلىپ يۈرۈشكە ئەپلىك ئۈسكۈنە بولۇپ، خىمىيەلىك باتارىيە ئاساسىي دېتال قىلىنغان. ئەگەر ئىشلىتىش مۇۋاپىق بولمىسا ياكى مەھسۇلاتنى قوغداش مېخانىزمىنى لايىھىلەش مۇۋاپىق بولمىسا، پارتلاش، ئوت ئاپىتى قاتارلىق بىخەتەرلىك مەسىلىلىرىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىشى مۇمكىن، بۇ ئەتراپىمىزدىكى بىخەتەرلىك يوشۇرۇن خەۋىپى.

  توكداننى ئىشلەتكەندە تۆۋەندىكى نۇقتىلارغا دىققەت قىلىش كېرەك:

  1. ئىشلىتىشتىن بۇرۇن تېلېفوننىڭ چۈشەندۈرۈشى بىلەن توكداننىڭ چۈشەندۈرۈشى ۋە توك قاچىلاش ئۈسكۈنىسىنى ياخشى چۈشىنىپ، كىرگەن بېسىم، چىققان بېسىم ۋە توك ئېقىمىنىڭ بىردەكلىكىنى سېلىشتۇرۇپ، يان تېلېفونغا زىيادە، ئارتۇق توك قاچىلاشتىن ساقلىنىش كېرەك؛

  2. توكداننىڭ تېمپېراتۇرىسى ۋە شەكلىگە دىققەت قىلىپ، ئەگەر شەكىلى ئۆزگىرىپ كەتسە ياكى توك قاچىلاۋاتقاندا تېمپېراتۇرىسى ئادەتتىكىدىن ئۆرلەپ كەتسە، كۆيۈك پۇرىقى چىقسا دەرھال ئىشلىتىشتىن توختىتىش كېرەك.

  3. شامال ئۆتۈشىدىغان، ئىسسىقلىق ياخشى تارقىلىدىغان جايدا توك قاچىلاش، سومكىدا، كىيىمنىڭ يانچۇقىدا، يوتقاندا توك قاچىلىماسلىق، توك قاچىلىغاندا توكداننى تىك تۇتۇش، كۆپ تەرەپتىن ئىسسىقلىق تارقىتىشقا پايدىلىق شارائىت يارىتىش كېرەك.

  4. توكداننىڭ كۆپىنچىسى كۆپ ئۆزەكلىك ئۇلاشتىن ھاسىل بولغان، شۇڭلاشقا ئۇرۇلۇشتىن، يۇقىرى تېمپېراتۇرىدىن، سۇ كىرىپ كېتىشتىن ساقلىنىش كېرەك؛

  5. توك قاچىلاپ بولغاندىن كېيىن توك مەنبەسىدىن ۋاقتىدا ئايرىۋېتىش كېرەك؛

  6. ئوت كەتكەندە دەرھال سۇ بار چېلەككە تاشلىۋېتىش كېرەك، سۇغا تاشلىغاندا سۇ ئۈسكۈنىنىڭ ئىچكى قىسمىغا كىرىپ، ئوت ئۆچكەندىن سىرت، تېمپېراتۇرىنى دەرھال چۈشۈرۈپ، قايتا ئوت تۇتىشىپ كېتىشنىڭ ئالدىنى ئالغىلى بولىدۇ.

  ئالاھىدە دىققەت قىلىشقا تېگىشلىكى شۇكى، ئىستىمالچىلار ئالدى بىلەن مۇنتىزىم زاۋۇت ئىشلەپچىقارغان لاياقەتلىك توكداننى سېتىۋېلىپ، بىخەتەرلىككە مەنبەدىن كاپالەتلىك قىلىش كېرەك.

  خەلق تورىدىن تەرجىمە قىلىندى
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ