مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

يان تېلېفوننى ئېلېكتر ماگنىتلىق ئوچاقتىن يىراق قويۇڭ

2020.03.24 17:05 مەنبە: تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى

  قىشتا ئۆيدە خوگو يېگەندە ئېلېكتر ماگنىتلىق ئوچاق زۆرۈر لازىمەتلىك ھېسابلىنىدۇ. ئەمما، نۇرغۇن كىشىلەر ئېلېكتر ماگنىتلىق ئوچاقنى ئىشلەتكەندە بىخەتەرلىككە دىققەت قىلمايدۇ، يان تېلېفون قاتارلىق ئېلېكترون مەھسۇلاتلىرىنى خالىغانچە ئۇنىڭ يېنىغا قويۇپ قويىدۇ ھەم بۇنىڭغا غايەت زور خەۋپ–خەتەر يوشۇرۇنغانلىقىنى بىلمەيدۇ.

  ئېلېكتر ماگنىتلىق ئوچاق ماگنىت مەيدانىنىڭ قاينام ئېقىنلىق قىزدۇرۇش پرىنسىپىدىن پايدىلىنىپ ياسالغان، ئۇ توكنىڭ سىزىق چەمبىرەكلەر ئارقىلىق ماگنىت مەيدانى ھاسىل قىلىشى، ماگنىت مەيدانى ئىچىدىكى ماگنىت ئىندۇكسىيە سىزىقى تۆمۈر قازانغا تېگىشكەندە سانسىز كىچىك قايناملارنى ھاسىل قىلىشىدىن قازاننى تېز سۈرەتتە قىزىتىدۇ، ئاندىن قازاندىكى يېمەكلىكنى قىزىتىدۇ.

  يان تېلېفوننى ئېلېكتر ماگنىتلىق ئوچاققا قويغاندىن كېيىن، ئېلېكتر ماگنىتلىق ئوچاق يان تېلېفوندىكى ماگنىتنى ھېس قىلىدۇ(ئادەتتە ياڭراتقۇ ياكى تۇرۇپكىسى) ھەمدە ئاپتوماتىك ئېچىلىدۇ، يان تېلېفون يۇقىرى تېمپېراتۇرىدا كۆيۈپ پارتلاپ كېتىدۇ، مۇنداقچە ئېيىتقاندا، ئېلېكتر ماگنىتلىق ئوچاق مەيلى ئوچۇق بولسۇن ياكى بولمىسۇن، پەقەت توكقا چېتىقلىق بولسىلا، تېلېفوننى ئۈستىگە قويساق خەتەرلىك ئەھۋال كېلىپ چىقىدۇ.

  خەلق تورىدىن تەرجىمە قىلىندى
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ