مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

ئاپېلىسىن شەربىتى ئىچىپ بەرسە، ئەستە تۇتۇش ئىقتىدارىنى ياخشىلايدۇ

2020.03.24 17:02 مەنبە: تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى

  يېقىندا، ئەنگلىيە ئالىملىرىنىڭ بىر تۈرلۈك تەتقىقات نەتىجىسىدە ئايان بولۇشىچە، ئاپېلىسىن شەربىتى ئىچىپ بەرگەندە ئىككى ئايغا يەتمىگەن ۋاقىتتا ياشانغانلارنىڭ ئەستە تۇتۇش ئىقتىدارى، تىلىنىڭ راۋانلىقى ۋە چوڭ مېڭە ئىنكاسىنى % 10كە يېقىن يۇقىرى كۆتۈرگىلى بولىدىكەن.

  تەتقىقات گۇرۇپپىسى 37 نەپەر تېنى ساغلام پىدائىيدىن ھەر كۈنى 500 مىللىلىتېر (تەخمىنەن ئىككى ئىستاكان)دىن ئاپېلىسىن شەربىتى ئىچىشنى، بۇنى ئۇدا سەككىز ھەپتە داۋاملاشتۇرۇشنى تەلەپ قىلغان. نەتىجىدە سىناققا قاتناشقۇچىلار (يېشى 60 ياشتىن 81 ياشقىچە)نىڭ مېڭە ئىقتىدارى روشەن ياخشىلانغان. ئالىملار بۇنداق بولۇشى فىلاۋونوئىد دەپ ئاتىلىدىغان خىمىيەلىك ماددىنىڭ تەسىرىدىن بولۇپ، فىلاۋونوئىدنىڭ ياشانغانلاردىكى دېۋەڭلىك كېسىلىنى داۋالاشقا ياردىمى بولىدۇ، دەپ قارىغان.

  تەتقىقاتتا يېمەكلىكلەردىكى فىلاۋونوئىدنىڭ ئاجىز نېرۋا ھۈجەيرىلىرىنى قوغدايدىغانلىقى، ھازىر بار بولغان نېرۋا ھۈجەيرىلىرىنىڭ ئىقتىدارىنى يۇقىرى كۆتۈرۈپ، نېرۋىلارنىڭ قايتا ھاسىل بولۇشىنى ئىلگىرى سۈرىدىغانلىقى، بۇ ئارقىلىق قېرىلىشىش بىلەن ئالاقىدار ئەستە تۇتۇش ئىقتىدارىنىڭ توسالغۇغا ئۇچرىشىنى ياخشىلاپ، ھايۋانلار ۋە ئادەملەرنىڭ ئەستە تۇتۇش ئىقتىدارى، ئۆگىنىش ۋە ئادەتتىكى تونۇش ئىقتىدارىنى يۇقىرى كۆتۈرىدىغانلىقى بايقالغان. يازما ماتېرىياللاردىكى خەۋەرلەرگە قارىغاندا، تەتقىقاتچىلار 2574 نەپەر ئوتتۇرا ياش كىشىنى 13 يىل تەتقىق قىلىش ئارقىلىق، يۇقىرى فىلاۋونوئىدنى قوبۇل قىلىش مىقدارىنىڭ ئەستە تۇتۇش ئىقتىدارىنى يۇقىرى كۆتۈرىدىغانلىقىنى بايقىغان.

  (خەلق تورىدىن تەرجىمە قىلىندى)
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ