مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

قايماقلىق سۈت ئىچكەندە، بالىلار ئاسان سەمرىپ كەتمەيدىكەن

2020.03.24 17:02 مەنبە: تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى

  كانادا تورونتو ساينت مايكېل دوختۇرخانىسىنىڭ بالىلار كېسەللىكلىرى دوختۇرى يەتتە دۆلەتنىڭ 28 تۈرلۈك تەتقىقاتىنى تەھلىل قىلىپ(بىر ياشتىن 18 ياشقىچە بولغان 21 مىڭ بالىغا چېتىلىدۇ)، بالىلارنىڭ سۈت ئىچىش ئەھۋالى بىلەن ئېغىرلىقى ئېشىپ كېتىش ياكى سېمىزلىك خەۋپى ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەتنى تەكشۈرگەندىن كېيىن، قايماقسىز سۈت ئىچكەن بالىلارغا سېلىشتۇرغاندا، قايماقلىق سۈت ئىچكەن بالىلارنىڭ ئېغىرلىقى ئېشىپ كېتىش ياكى سېمىزلىك نىسبىتىنىڭ %40 تۆۋەن بولىدىغانلىقىنى بايقىغان.

  بۇ بايقاش كانادا ۋە خەلقئارانىڭ كۆرسەتكۈچىگە قارىتا گۇمانىي سوئالنى ئوتتۇرىغا قويدى، كۆرسەتكۈچتە بالىلارنىڭ سېمىزلىك كېسىلىگە گىرىپتار بولۇش خەتىرىنى تۆۋەنلىتىش ئۈچۈن بالىلارغا ئىككى يېشىدىن باشلاپ قايماقسىز سۈت ئىچكۈزۈش، قايماقلىق سۈت ئىچۈزمەسلىك تەكلىپى بېرىلگەن. لېكىن، بۇ تەكلىپ بويىچە ئىككى ياش ۋاقتىدىن باشلاپ قايماقسىز سۈت ئىچكەن بالىلار ھەرگىزمۇ قايماقلىق سۈت ئىچكەن بالىلاردىن ئورۇق بولمىغان. تەتقىقاتچىلارنىڭ بىلدۈرۈشىچە، قايماقلىق سۈت ئىچىش بىلەن زىيادە ئېغىرلىقنى ياكى سېمىزلىك خەۋپىنى تۆۋەنلىتىشنىڭ باشقا ئامىللىرى مۇناسىۋەتلىك بولۇشى مۇمكىن ئىكەن.

  خەلق تورىدىن تەرجىمە قىلىندى
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ