مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

يۈگۈرگەندىن كېيىن دەرھال ئولتۇرماڭ

2020.03.24 16:56 مەنبە: تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى

  يۈگۈرۈش بەدەنگە ئىنتايىن پايدىلىق ئوكسىگېنلىق ھەرىكەت بولسىمۇ، لېكىن بىر قىسىم كىشىلەر دائىم يۈگۈرگەندىن كېيىن دەرھال ئولتۇرۇپ ئارام ئالىدۇ. بۇنداق قىلىش خاتا بولۇپ، سالامەتلىككە بەلگىلىك زىيان يەتكۈزۈشىمۇ مۇمكىن.

  بېيجىڭ تەنتەربىيە داشۆسى تەنتەربىيە ۋە بەدەن ساغلاملىقى مائارىپ مىنىستىرلىقى نۇقتىلىق تەجرىبىخانىسىنىڭ پىروفېسسورى جاڭ يىمىن مۇنداق دېدى: ئادەم يۈگۈرگەندە ئېغىرلىق كۈچى سەۋەبىدىن تۆۋەنكى مۈچىگە قان تولىدۇ، تۆۋەنكى مۈچە قاننى يۈرەككە ۋاقتىدا يەتكۈزۈپ بېرىشتە ئاساسلىقى تۆۋەنكى مۈچە مۇسكۇل توپىنىڭ قىسقىرىشى ۋە كېڭىيىشىگە تايىنىپ، قان تومۇرنى سىقىپ، قاننى يۈرەككە يەتكۈزۈپ بېرىدۇ. ئەگەر يۈگۈرگەندىن كېيىن دەرھال ئولتۇرۇپ ئارام ئالسا، تۆۋەنكى مۈچە مۇسكۇللىرى بوشىشىپ، سىقىش رولىنى يوقىتىدۇ، قان تۆۋەنكى مۈچىگە توپلىنىۋېلىپ، مېڭىگە ۋاقتىنچە قان يېتىشمەسلىكنى كەلتۈرۈپ چىقىرىپ، چىرايى تاتىرىش، كالپۇكى كۆكىرىپ كېتىش قاتارلىق ئالامەتلەرنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ، ئېغىر بولغاندا ھەتتا ھوشىدىن كېتىدۇ، بۇ مېدىتسىنادا «ئېغىرلىق كۈچىدىن بولغان شوك» دەپ ئاتىلىدۇ.

  قىسقىسى، يۈگۈرگەندىن كېيىن «ئېغىرلىق كۈچىدىن بولغان شوك» قاتارلىق ناچار ئاقىۋەتلەرنىڭ كېلىپ چىقىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش، بەدەندىكى كېسلاتالىق ھاسىلاتنى چىقىرىۋېتىشنى تېزلىتىش ئۈچۈن، تۆۋەندىكى ئىشلارغا دىققەت قىلىش كېرەك: تېز يۈگۈرۈپ مەشىق قىلغۇچىلار يۈگۈرۈش ئاياغلاشقاندا يۈگۈرۈش سۈرئىتىنى ئاستىلىتىپ، ئاستا يۈگۈرۈشنى داۋاملاشتۇرۇشى، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا ئەركىن ھەرىكەت قىلىشى ھەمدە چوڭقۇر نەپەس ئېلىشى كېرەك. مەيلى تېز يۈگۈرگەن ياكى ئاستا يۈگۈرگەندە، يۈگۈرۈپ بولغاندىن كېيىن پەي سوزۇشى كېرەك. مەسىلەن، پۇتنى سوزۇش: پۇتنى ئارقىغا ئېگىپ، پۇتنىڭ ئاستىنى يۇقىرىغا قارىتىپ، قول بىلەن پۇتنىڭ ئوشۇقىنى تۇتۇپ، ساغرا تەرەپكە يېقىنلاشتۇرۇپ، پۇتنىڭ ئالدى تەرىپى پەي سوزۇلغانلىقىنى ھېس قىلىش؛ پاقالچاقنى سوزۇش: پۇتنىڭ ئالقىنىنى ياردەمچى جىسىمغا قويۇپ، ياردەمچى جىسىمنى تايىنىش نۇقتىسى قىلىپ، پۇتنىڭ ئۇچىنى ئىمكانقەدەر يۇقىرىغا قارىتىشى، تاپاننى يەرگە قارىتىشى، بەدەننى سەل ئالدىغا قىيسايتىپ، پاقالچاق پېيىنىڭ سوزۇلغانلىقىنى ھېس قىلىش كېرەك. سوزۇش ھەرىكىتىنى ئاز دېگەندە ئىككى گۇرۇپپا، ھەر بىر گۇرۇپپىدا تەخمىنەن 20 سېكۇنت ئىشلىشى كېرەك.

  خەلق تورىدىن ئېلىندى.
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ