مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

ياشانغانلار ساغلام غىزالانمىسا، كۆز كېسىلىگە ئاسان گىرىپتار بولىدىكەن

2020.03.24 16:55 مەنبە: تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى

  يېقىندا، ئامېرىكا نيويورك شىتاتلىق داشۆسى بۇففالو شۆبە مەكتىپى ئېلان قىلغان تەتقىقاتتا كۆرسىتىلىشىچە، كۆپ مىقداردىكى قىزىل گۆش ۋە پىششىقلاپ ئىشلەنگەن گۆش تۈرىدىكىلەر، مايدا پىشۇرۇلغان يېمەكلىكلەر، ئىنچىكە ئىشلەنگەن دانلىق زىرائەت ۋە ماي مىقدارى يۇقىرى سۈت مەھسۇلاتلىرى قاتارلىق ساغلام بولمىغان يېمەكلىكلەرنى ئىستېمال قىلغان ياشانغانلارنىڭ سېرىق داغ ئۆزگىرىشىدىن ھاسىل بولىدىغان كۆز كېسىلىگە گىرىپتار بولۇش خەۋپى ئادەتتىكى ياشانغانلارنىڭكىدىن ئۈچ ھەسسە يۇقىرى بولىدىكەن.

  سېرىق داغلىق ئۆزگىرىش ساقايتقىلى بولمايدىغان بىر خىل كۆز كېسەللىكى بولۇپ، كۆرۈش ئىقتىدارىغا ئېغىر تەسىر كۆرسىتىپ، بىمارنىڭ كۈندىلىك تۇرمۇشىغا توسقۇنلۇق پەيدا قىلىپ، ياشانغانلارنىڭ قېرىلىق مەزگىلىدىكى تۇرمۇش سۈپىتىنى تۆۋەنلىتىۋىتىدۇ. تەتقىقاتچىلار 300گە يېقىن ياشانغان كىشىنى 18 يىل زىيارەت قىلىش ئارقىلىق سېرىق داغ كېسىلىگە گىرىپتار بولۇش نىسبىتىنى تەكشۈرگەن ھەمدە 66 خىل ئوخشاش بولمىغان يېمەكلىككە مۇناسىۋەتلىك سانلىق مەلۇماتنى بىرلەشتۈرگەن. نەتىجىدە كۆرسىتىلىشىچە، دەسلەپتە كۆزىدە ھېچقانداق مەسىلە بولمىغان ياشانغانلار ئۇزۇن مەزگىل ساغلام بولمىغان يېمەك-ئىچمەكنى ئېستىمال قىلغاندىن كېيىن، سېرىق داغ كېسىلىنىڭ ئۆزگىرىش نىسبىتى زور دەرىجىدە ئاشقان.

  تەتقىقاتچىلار ساغلام يېمەك-ئىچمەكنىڭ ياشانغانلارنىڭ كۆرۈش قۇۋۋىتىنى قوغداشتا ئىنتايىن مۇھىم ئىكەنلىكىنى ئەسكەرتتى. دەسلەپكى باسقۇچتىكى سېرىق داغ كېسەللىكىگە گىرىپتار بولغان ياشانغانلار يۇقىرىقىدەك ناچار يېمەكلىكلەرنى ئېستىمال قىلىشتىن ساقلىنىشى، مېۋە-كۆكتاتلارنى كۆپرەك يېيىشى كېرەك.

  خەلق تورىدىن ئېلىندى.
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ