فىرانسىيە پارىژ داشۆسىدىكى ئوزۇقلۇق تارقىلىشچان كېسەللىكلىرى ئالىمىنىڭ بايقىشىچە، كىشىلەر پىششىقلانغان يېمەكلىكلەرنى قانچە كۆپ ئىستېمال قىلسا، 2 تىپلىق دىئابېت كېسىلىگە گىرىپتار بولۇش خەۋپى شۇنچە يۇقىرى بولىدىكەن.
تەتقىقاتچىلار 2009-يىلىدىن 2019-يىلىغىچە ئوتتۇرىچە يېشى 43 ياش بولغان 105 نەپەر فىرانسىيەلىك قۇرامىغا يەتكەنلەرنىڭ يېمەك-ئىچمەك خاتىرىسىنى تەھلىل قىلغان. قاتناشقۇچىلار ئالتە يىل ئىچىدە ئالتە پارچە 24 سائەتلىك يېمەكلىك خاتىرىسىنى تاماملىغان، بۇنىڭ ئىچىدە ئۇلارنىڭ 3500 خىلدىن ئارتۇق ئوخشاش بولمىغانيېمەكلىكنى ئىستىمال قىلىش مىقدارى خاتىرىلەنگەن. تەھلىل نەتىجىسىدىن مەلۇم بولۇشىچە، پىششىقلانغان يېمەكلىكلەرنىڭ يېمەكلىك مىقدارى ھەر %10 ئاشسا، دىئابېت كېسىل بولۇش خەۋپ-خەتىرى %15 ئاشىدىكەن.
«ئامېرىكا مېدىتسىنا جەمئىيىتى ژۇرنىلى— ئىچكى كېسەللىكلەر ئىلمى»دا ئېلان قىلىنغان بۇ تۈردىكى تەتقىقات نەتىجىسىدە مۇنداق دېيىلگەن: پىششىقلانغان يېمەكلىكلەر تەركىبىدىكى ياغ، تۇز ۋە شېكەر مىقدارى ناھايىتى يۇقىرى، ئەكسىچە ئوزۇقلۇق قىممىتى تۆۋەن بولغاندىن باشقا، ئۇنىڭ تەركىبىدە كۆپ مىقداردا چىرىشتىن ساقلاش دورىسى، سۈنئىي خۇش پۇراق ماتېرىيال، كۆپتۈرگۈچى خۇرۇچ، يېمەكلىك خۇرۇچى، شېكەر، تاتلىق تەم خۇرۇچى ۋە رەڭ بېرىش خۇرۇچى بولىدۇ، بۇ ئامىللار 2 تىپلىق دىئابېت كېسىلىگە گىرىپتار بولۇش خەتىرىنى ئاشۇرۇۋېتىدۇ.
خەلق تورىدىن ئېلىندى.
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ