مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

قىش پەسلىدىكى تېرە قىچىشىش قۇرغاقلىقتىن پەيدا بولۇشى ناتايىن (2)

2020.03.24 16:47 مەنبە: تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى

  ھوشيار بولۇڭ! تېرە قىچىشىش بەلكىم بەزى كېسەللىكلەرنىڭ بىشارىتى بولۇشى مۇمكىن.

  ھەزىم قىلىش سىستېمىسى كېسەللىكلىرى: ئالدى بىلەن جىگەر-ئۆت كېسەللىكلىرى كۆرۈلىدۇ، توسۇلۇش خاراكتېرلىك سېرىقلىق چۈشۈش، گېمولىتىك سېرىقلىق چۈشۈش قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.

  ئىچكى ئاجراتما سىستېمىسى كېسەللىكلىرى: قالقانسىمان بەز كۈچىيىش، قالقانسىمان بەز ئاجىزلاش، دىيابېت كېسىلى قاتارلىقلار.

  سۈيدۈك ئاجرىتىش سىستېمىسى كېسەللىكلىرى: مەسىلەن، سوزۇلما خاراكتېرلىك بۆرەك ياللۇغى (سۈيدۈكتىن زەھەرلىنىش كېسىلى)، سۈيدۈكتىن يۇقۇملىنىش قاتارلىقلار كەلتۈرۈپ چىقارغان سىرتقى جىنسىي ئەزا ياللۇغى قاتارلىقلار.

  قان سىستېمىسى كېسەللىكلىرى: مەسىلەن، ھەقىقىي قىزىل قان ھۈجەيرىسى كۆپىيىش كېسىلى، تۆمۈر كەملىكتىن بولغان قان ئازلىق قاتارلىقلار.

  مەركىزىي نېرۋا سىستېمىسى كېسەللىكلىرى: مەسىلەن، نېرۋا ئاجىزلىق، مېڭە قان تومۇرلىرى قېتىشىش، مېڭە سۇلۇق ئىششىقى ۋە مېڭە ئۆسمىسى قاتارلىقلار.

  يامان سۈپەتلىك ئۆسمە: لىمفا سىستېمىسى راكى، تۈز ئۈچەي ۋە بوغماق ئۈچەي راكى، ئاق قان كېسىلى، ئۆپكە راكى ۋە قىزىلئۆڭگەچ راكى قاتارلىقلار.

  ئەگەر قىچىشىش ئىنتايىن ئېغىر بولسا، قانداق داۋالىسىمۇ داۋالىغىلى بولمايدۇ، بۇ چاغدا ھوشيار بولۇش كېرەك، بۇ ۋاقىتتا چوقۇم سەۋەبىنى ۋاقتىدا تېپىپ، بىرلەمچى كېسەللىكلەرنى داۋالىتىش كېرەك.

  تېرە ئاسراش قوللانمىسى

  ئۇيقۇ: يېتەرلىك ئۇخلاشقا كاپالەتلىك قىلىش، كەچ ئۇخلىماسلىق ۋە كېچىچە ئۇخلىمايدىغان ئىشنى قىلماسلىق كېرەك. ئۇيقۇ بىلەن تېرىنىڭ مۇناسىۋىتى ئىنتايىن زىچ بولۇپ، ياخشى ئۇخلىيالمىغاندا تېرىدىن ئاسانلا مەسىلە چىقىدۇ.

  كىيىم - كېچەك: ئىچ كىيىم يۇمشاق، ئازادە، پاختا توقۇلمىلاردىن ياسالغان بولۇشى كېرەك، نىلون، يۇڭ توقۇلما، يىپەك، تىۋىت قاتارلىقلاردىن ساقلىنىش كېرەك. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا بەك ئىسسىق كىيىنىۋالماسلىق كېرەك.

  يۇيۇنۇش: كۆپ يۇيۇنماسلىق، ھەپتىدە 1 ~ 2 قېتىم يۇيۇنۇش، سۇنىڭ تېمپېراتۇرىسى ℃35 ~ ℃37 ئەتراپىدا بولسا مۇۋاپىق بولىدۇ، ئۇۋۇلاپ يۇيۇش لۆڭگىسى بىلەن تېرىنى قايتا-قايتا سۈرتمەسلىك كېرەك. گۈڭگۈرت سوپۇن ياكى يۇيۇنۇش سۇيۇقلۇقى قاتارلىق ئىشقارلىق يۇيۇش-ئاسراش بۇيۇملىرىنى ئىشلەتمەسلىك كېرەك.

  يۇيۇنۇپ بولغاندىن كېيىنكى پەرۋىش: يۇيۇنۇپ ئۈچ مىنۇت ئىچىدە نەملىك ساقلاش مەلھىمى ياكى فەنشىلىن مەلھىمى، ۋىتامىن E مەلھىمى، ئات مېيى قاتارلىقلارنى ئىشلىتىش كېرەك.

  تېرە چېنىقتۇرۇشنى كۈچەيتىش: سوغۇق سۇدا يۇيۇنۇش ياكى سوغۇق سۇدا يۈز يۇيۇشنى، سوغۇق سۇدا بەدەن سۈرتۈشنى داۋاملاشتۇرۇش كېرەك. تاتىلاشتىن ساقلىنىش، تاماكىنى ئاز چېكىش، ھاراق ئىچمەسلىك كېرەك، چۈنكى بۇلار تېرىنى غىدىقلاپ زىيادە قىچىشىشنى پەيدا قىلىدىغان ماددا، مەسىلەن گىستامىننى پەيدا قىلىدۇ.

  خەلق تورىدىن تەرجىمە قىلىندى
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ