مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

دورا ئىچكەندىمۇ قىياپەتنى توغرىلاش كېرەكمۇ؟

2019.12.13 16:38 مەنبە: تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى

  دورا ئىچكەندىكى بەدەن قىياپىتى دورىنىڭ ئۈنۈمىنى جارى قىلدۇرۇشقا تەسىر كۆرسىتىدۇ. دورىنىڭ خاراكتېرى ۋە تىپىنىڭ ئوخشىماسلىقىغا ئاساسەن مۇۋاپىق قىياپەت قوللىنىش كېرەك، كونكرېت تۆۋەندىكىچە:

  ئۆرە تۇرۇش ياكى ئۆرە ئولتۇرۇش قىياپىتى بىلەن دورا ئىچىش. كۆپ ساندىكى دورىنى ئىچكەندە، ئەڭ ياخشىسى ئۆرە تۇرۇش ياكى ئۆرە ئولتۇرۇش كېرەك، بولۇپمۇ چوڭ تابلېتكىلىق دورا ياكى كاپسۇللۇق دورىلارنى ئىچكەندە، يېتەرلىك مىقداردا سۇ (100~200) mlئىچىش كېرەك. بۇنداق بولغاندا دورا قىزىلئۆڭگەچ ئارقىلىق ئاشقازانغا ئوڭۇشلۇق كىرىدۇ. كېسەل بولۇپ يېتىپ قالغان بىمارلار، ئەگەر ئوڭدىسىغا يېتىپ تابلېتكا دورا ياكى كاپسۇللۇق دورا ئىچكەندە، ئاز مىقداردا سۇ ئىچىش كېرەك، بىر تەرەپتىن دورا قىزىلئۆڭگەچ دىۋارىغا چاپلىشىپ، قىزىلئۆڭگەچنى غىدىقلاپ، ياللۇغلىنىش ۋە يارا پەيدا قىلىدۇ، يەنە بىر تەرەپتىن، دورىنىڭ ئاشقازانغا كىرىشنى كېچىكتۈرىدۇ ۋە ئازايتىدۇ، بۇ، داۋالىنىشقا تەسىر كۆرسىتىدۇ. شۇڭا، بىمار ئەڭ ياخشىسى ئۆزى ياكى باشقىلارنىڭ ياردىمىدە ئولتۇرۇپ، دورا ئىچىش كېرەك، ئاندىن يېنىك ھەرىكەت قىلىپ، كارىۋاتتا يېتىپ ئارام ئېلىشى كېرەك. يەنە بەزى دورىلار، مەسىلەن، سۆڭەك شالاڭلىشىشنى داۋالايدىغان دىفوسفورلۇق تۇز كىسلاتاسى تۈرىدىكىلەر (ئاللېن فوسفىن قاتارلىقلار) قىزىلئۆڭگەچ ياللۇغى، شەلۋەرەش، يارا پەيدا بولۇشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. دورىنى تېزدىن ئاشقازانغا يەتكۈزۈپ بېرىش ئۈچۈن، چوقۇم ئۆرە تۇرۇپ ئىستېمال قىلىش كېرەك (ناشتىدىن يېرىم سائەت بۇرۇن 200 مىللىلىتىر ئىلمان قايناقسۇ بىلەن تولۇق ئىچىش كېرەك) ئاندىن يەنىلا يېرىم سائەتتىن ئارتۇق ئۆرە تۇرۇش كېرەك.

  يېرىم يېتىپ دورا ئىچىش. ئەگەر بىمار ئۆرە تۇرۇپ يۈرەك سانجىقىنى پەسەيتىدىغان نىتروگلىتسېرىن تىل ئاستى تابلېتكىسىنى ئىچسە، بەدەن تۇرقى خاراكتېرلىك تۆۋەن قان بېسىمى يۈز بېرىپ، باش قىسمىغا ۋاقىتلىق قان يېتىشمەي ھوشىدىن كېتىشى مۇمكىن، شۇڭا ئەڭ ياخشىسى يېرىم يېتىپ دورا ئىچىش كېرەك. بۇ خىل قىياپەت يۈرەك قان مىقدارىنىڭ سەرپ قىلىنىشىنى ئازايتىپ، يۈرەك سانجىقىنى تېزدىن پەسەيتىشكە پايدىلىق، يەنە كېلىپ تۆۋەن قان بېسىمىنىڭ خەۋپىدىن ساقلايدۇ. يەنە بەزى دورىلار، مەسىلەن، پىپېرازىن، ترازوزىن قاتارلىقلار قان بېسىمىنى تۆۋەنلىتىشكە ئىشلىتىلگەندە، بەدەن تۇرقى خاراكتېرلىك تۆۋەن قان بېسىمى ئاسانلا يۈز بېرىدۇ، تۇنجى قېتىم دورا بەرگەندە ياكى مىقدارىنى ئاشۇرغاندا، ئولتۇرۇپ دورا ئىچكەندىن كېيىن دەرھال يېتىۋېلىش كېرەك. ئىندۇكسىيە مەزگىلى قىسقا ئۇيقۇ دورىسى (مەسىلەن، مىدازولون، ئازوپىتان قاتارلىقلار) ئىچكەندە، تاسادىپىي ھادىسە يۈز بېرىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن دورا ئىچىپ بولغاندىن كېيىن يېتىۋېلىش كېرەك.

  خەلق تورىدىن تەرجىمە قىلىندى
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ