مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

بوۋاقلار كۆپرەك كۈلۈپ بەرسە، جىسمانىي ۋە روھىي جەھەتتىن يېتىلىشىگە تېخىمۇ پايدىلىق

2019.12.13 16:38 مەنبە: تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى

  بالىنىڭ كۈلكىسى بىر ئائىلە ئۈچۈن ئەڭ بەختلىك ئىشتۇر. بوۋاقلار بىلەن بىللە بولغاندا، ئاتا-ئانا، ئۇرۇق-تۇغقان، دوست-بۇرادەرلەر بالىنى ئەركىلىتىشنى ياخشى كۆرىدۇ. ئەمەلىيەتتە، بالىنى كۆپرەك كۈلدۈرۈش ئۇلارنىڭ ئۆسۈپ يېتىلىشىگە پايدىلىق.

  يېتىلىش نۇقتىسىدىن قارىغاندا، كۈلكە بىر خىل ئىنتايىن ياخشى چېنىقىش ئۇسۇلى بولۇپ، چوڭ مېڭىنىڭ يېتىلىشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، جىسمانىي ۋە روھىي جەھەتتىكى ساغلاملىققا پايدىسى زور. كۈلگۈنچەك بالىلارنىڭ مىجەزى ئوچۇق، ئۆزىگە ئىشىنىدىغان، كەيپىياتى ئاكتىپ، چوڭ بولغاندىن كېيىن ئىزدىنىشكە ماھىر، ئاسانلا باشقىلار بىلەن چىقىشىپ كېتىدىغان، ئالاقە ئىقتىدارى كۈچلۈك بولىدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، كەيپىيات ياخشى بولسا، ئۆستۈرگۈچى ھورموننىڭ ئاجرىلىپ چىقىشى ياخشى بولىدۇ ۋە كۈچىيىدۇ، بۇ، پۈتۈن بەدەندىكى ھەرقايسى سىستېمىلار، ھەرقايسى ئەزالارنىڭ ياخشى تەرەققىي قىلىشىغا پايدىلىق.

  ئادەتتىكى ئەھۋالدا، يېڭى تۇغۇلغان بوۋاقلارنىڭ چىراي ئىپادىسىدا كۈلۈش ئالامەتلىرى كۆرۈلىدۇ، ئۈچ ئاي ئەتراپىدا بوۋاقنىڭ تەبەسسۇمىنى ئېنىق كۆرگىلى بولىدۇ. بولۇپمۇ تونۇش چىراي ياكى ياخشى كۆرىدىغان ئويۇنچۇقلارنى كۆرگەندە، بوۋاقلار پۇت-قوللىرىنى پۇلاڭلىتىپ، «قاقاقلاپ» كۈلۈپ كېتىدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، كۈلكە بالىنىڭ ئېھتىياجىنىڭ قاندۇرۇلغان ياكى قاندۇرۇلمىغانلىقىنى مەلۇم دەرىجىدە ئەكس ئەتتۈرۈپ بېرىدۇ. ئۇلارنىڭ قورسىقى تويغان، ئۇيقۇسى قانغان، روھىي ھالىتى ياخشى بولغاندا، گەرچە تاشقى غىدىقلاش بولمىسىمۇ، ئۆزلۈكىدىن كۈلۈمسىرەيدۇ .

  كۈندىلىك تۇرمۇشتا بالىلارنىڭ ھالىدىن خەۋەر ئالغاندا، ئاتا-ئانىلار ئۇلارنى كۆپرەك خۇشال قىلىشى كېرەك، بۇمۇ دەسلەپكى ئەقلىي ئىقتىدارنى ئېچىشنىڭ تەبىئىي ئۇسۇلى. كونكرېت ئۇسۇلى: بالىغا كۆپرەك كۈلۈمسىرەپ بېرىش ياكى چىراي ئىپادىسى قىلىش، يېڭى ئويۇنچۇق، رەسىم كارتىسى قاتارلىقلار بىلەن كۈلدۈرۈش كېرەك .

  بىراق، بالىلارنى كۈلدۈرۈشمۇ بىر خىل ئىلىم بولۇپ، پۇرسەتنى، كۈلۈش دەرىجىسى ۋە ئۇسۇلىنى ياخشى ئىگىلەش كېرەك. مەسىلەن، تاماق ۋاقتىدا كۈلدۈرگەندە، يېمەكلىك ئاسانلا كانايغا كېتىپ قېقىلىپ يۆتىلىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ، ئۇخلاشتىن بۇرۇن كۈلدۈرگەندە بوۋاقنىڭ ئۇيقۇسى قېچىپ كېتىدۇ ياكى كېچىسى يىغلايدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا، مۇۋاپىق كۈلدۈرۈش، بالىنى ھەددىدىن زىيادە كۈلدۈرمەسلىك كېرەك.

  خەلق تورىدىن تەرجىمە قىلىندى
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ