مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

ئاياللار ھەيز مەزگىلىدە چىش تارتقۇزماسلىق كېرەك

2019.12.13 16:37 مەنبە: تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى

  «ئاياللار ھەيز مەزگىلىدە چىش تارتقۇزسا ياكى چىش تېرىش ئوپېراتسىيەسى قىلدۇرسا بولمايدۇ». چاڭشا شەھەرلىك ئېغىز بوشلۇقى كېسەللىكلىرى دوختۇرخانىسى ۋۇيى يولى دوختۇرخانىسى ئېغىز بوشلۇقىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش بۆلۈمىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىر ۋراچى سەي خۇي چۈشەندۈرۈپ مۇنداق دېدى: ھەيز مەزگىلىدە، ئاياللارنىڭ قېنىنىڭ قېتىشچانلىقى تۆۋەنلەپ كېتىدۇ، ئەگەر ھەيز مەزگىلىدە چىش سالدۇرسا ياكى باشقا ئوپېراتسىيە قىلدۇرسا، قان كۆپ چىقىپ كېتىشى مۇمكىن. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، ھەيز مەزگىلىدە ئاياللارنىڭ ئاغرىش سېزىم نېرۋىسى بىر قەدەر سەزگۈر بولۇپ، پۈتۈن بەدەننىڭ قارشىلىق كۆرسىتىش ئىقتىدارى نىسبەتەن تۆۋەنلەيدۇ، ھەيز مەزگىلىدە چىش تارتقۇزسا تېخىمۇ ئاغرىيدۇ ھەمدە ئاسانلا يۇقۇملىنىپ قالىدۇ. ئاياللارنىڭ چىش تارتقۇزۇشىنىڭ ئەڭ ياخشى مەزگىلى ھەيز مەزگىلىدىن كېيىنكى 8 ~ 14 كۈن بولۇپ، بۇنىڭ ئىچىدە ھەيز كەلگەندىن كېيىنكى 10-كۈنى ئەڭ ياخشى بولىدۇ، بۇ مەزگىلدە چىش تارتقۇزغاندا قان چىقىش مىقدارى ئاز، ئاغرىق سېزىمى يېنىك، ئوپېراتسىيەدىن كېينكى يۇقۇملىنىش نىسبىتى تۆۋەن، يارا ئېغىزى تېز ساقىيىدۇ .

  بۇنىڭدىن باشقا، ئاياللارنىڭ بىرقانچە ئالاھىدە باسقۇچىدا، چىش تارتقۇزۇش ياكى تارتقۇزماسلىقنى چۈشىنىش كېرەك. ئاياللار ھامىلدار بولغان دەسلەپكى ئۈچ ئاي ۋە ھامىلدار بولغاندىن كېيىنكى ئۈچ ئاي ئىچىدە چىش تارتقۇزسا بولمايدۇ، ھامىلدارلىقنىڭ دەسلەپكى مەزگىلىدە چىش تارتقۇزسا ئاسانلا بويىدىن ئاجراپ كېتىدۇ، ھامىلدار بولغاندىن كېيىنكى ئۈچ ئاي ئىچىدە چىش تارتقۇزسا بالدۇر تۇغۇپ قويىدۇ؛ ھامىلدار ئاياللار ھامىلدار بولۇپ تۆت ئايدىن ئالتە ئايغىچە بولغان مەزگىلدە چىش كېسىلىنى داۋالىسا بولىدۇ. قىزلار بالاغەتكە يېتىش مەزگىلىدە چىش ئەتراپى كېسىلىگە ئاسان گىرىپتار بولىدۇ، يېتىلىش مەزگىلىدىكى قىزلاردا ئاسانلا ئېغىز پۇراش، چىش مىلىكى قاناش، چىش ئەتراپى يىرىڭلاش قاتارلىق چىش ئەتراپى كېسەللىكلىرىنىڭ ئالامەتلىرى كۆرۈلىدۇ، ئۇنىڭ ئۈستىگە بۇ مەزگىلدە چىش ئەتراپى ياللۇغى تېز تەرەققىي قىلىپ، ئاسانلا چىش بوشاپ، چىشتا ئارىلىق پەيدا بولۇپ، گۈزەللىككە تەسىر كۆرسىتىدۇ؛ بالاغەتكە يېتىش مەزگىلىدىكى قىزلاردا چىش مىلىكى قاناش، ئېغىز پۇراش قاتارلىق ئالامەتلەر كۆرۈلسە، ۋاقتىدا داۋالاش، چىشنىڭ بوشاپ كېتىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش كېرەك. كېلىماكتېرىيە دەۋرى (ھەيز كېسىلىش دەۋرى)دىكى ئاياللاردا، بەدەننىڭ قېرىپ كېتىش سۈرئىتى تېزلىشىپ، سۆڭەك شالاڭلىشىش ئەھۋالى كۆرۈلىدۇ، بۇنىڭ ئىچىدە چىش ئوقۇرى سۆڭىكى بوشاپ، يىگىلەپ، چىش تەدرىجىي بوشاپ، چۈشۈپ كېتىدۇ، بۇ مەزگىلدە ئېغىز بوشلۇقى تازىلىقىغا تېخىمۇ دىققەت قىلىش كېرەك.

  خەلق تورىدىن تەرجىمە قىلىندى
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ