مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

لۇڭيەننى بۇنداق يېسە ئۈنۈمى تېخىمۇ ياخشى بولىدىكەن

2019.12.13 16:36 مەنبە: تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى

  [لۇڭيەن، ئالقات، چىلان ئۇمىچى] يۈرەكنى قۇۋۋەتلەش، نېرۋىنى تىنچلاندۇرۇش، تالنى ساغلاملاشتۇرۇش، قان تولۇقلاش رولى بار.

  ماتېرىيال: لۇڭيەن مېۋىسى 15 گىرام، ئالقات 10 گىرام، يۇمىلاق گۈرۈچ (粳米) 100گىرام، چىلان 4 تال .

  تەييارلاش ئۇسۇلى: يۇمىلاق گۈرۈچ (粳米)، لۇڭيەن مېۋىسى، ئالقات، چىلاننى پاكىز يۇيۇپ، قازانغا ئوت يېقىپ، يۇمىلاق گۈرۈچنى قوشۇپ، تەخمىنەن 10 مىنۇت قاينىتىمىز؛ قازانغا لۇڭيەن مېۋىسى، ئالقات، چىلان قوشۇپ، سۇيۇق ئۇماچ ھالەتتە قاينىتىپ تەييارلايمىز.

  [لۇڭيەن، نېلۇپەر ئۇرۇقى، بۆدۈنە تۇخۇمى، شېكەر سۈيى] قاننى قۇۋۋەتلەش، نېرۋىنى تىنچلاندۇرۇش، ئاجىزلىقنى قۇۋۋەتلەش رولى بار.

  ماتېرىيال: بۆدۈنە تۇخۇمى 100 گىرام، نېلۇپەر ئۇرۇقى (莲子) 15گىرام، لۇڭيەن مېۋىسى 10 گىرام، ئالقات 5 گىرام، مۇۋاپىق مىقداردىكى شېكەر .

  تەييارلاش ئۇسۇلى: نېلۇپەر ئۇرۇقىنىڭ پىلىكىنى ئېلىۋېتىپ، يېرىم سائەت چىلايمىز؛ لۇڭيەن مېۋىسى، ئالقاتنى پاكىز يۇيىمىز؛ بۆدۈنە تۇخۇمىنى پىشۇرۇپ شاكىلىنى ئېلىۋېتىمىز؛ بارلىق ماتېرىياللارنى قازانغا سېلىپ، مۇۋاپىق مىقداردا سۇ قويۇپ، كۈچلۈك ئوتتا قايناتقاندىن كېيىن، سۇس ئوتتا يېرىم سائەت قاينىتىمىز، ئېھتىياجىمىزغا ئاساسەن مۇۋاپىق مىقداردا شېكەر سېلىپ قايناتساقمۇ بولىدۇ.

  [لۇڭيەن، چىلان، مور شورپىسى] چاچ چۈشۈش، ئاياللاردا ئاق خۇن كۆپىيىپ كېتىشنى داۋالاش رولى بار.

  ماتېرىيالى : لۇڭيەن قېقى، چىلاندىن 10 تال، قارا مور (قۇرۇتۇلغان)، قوڭۇر ناۋاتتىن 15 گرام.

  تەييارلاش ئۇسۇلى: لۇڭيەن قېقى، قارا مورنى پاكىز يۇيۇپ، ئىلمان سۇدا تەخمىنەن تۆت سائەت چىلاپ قويىمىز؛ چىلاننىڭ ئۇرۇقىنى ئېلىۋېتىپ، ئىككى پارچە قىلىپ توغرايمىز. قازانغا سۇ قۇيۇپ قاينىتىپ، لۇڭيەن قېقى، قارا مور، چىلان، ناۋاتنى سېلىپ، تەخمىنەن 30 مىنۇت قاينىتىپ، ئىسسىق ۋاقىتتا ئېستىمال قىلىمىز .

  دىققەت قىلىشقا تېگىشلىكى، يۇقىرىقى رېتسىپنى دوختۇرنىڭ يېتەكچىلىكىدە ئىشلىتىش كېرەك.

  خەلق تورىدىن تەرجىمە قىلىندى
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ