مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

بالىلار كۆپ سۇ ئىچىپ بەرسە ئىنكاسى تېز بولىدىكەن

2019.12.13 16:35 مەنبە: تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى

  يېقىندا، «ئوزۇقشۇناسلىق» ژۇرنىلىدا ئېلان قىلىنغان بىر تۈرلۈك يېڭى تەتقىقاتتا كۆرسىتىلىشىچە، كۆپ سۇ ئىچىش بالىلارنىڭ ساغلام ئۆسۈپ يېتىلىشىگە پايدىلىق بولۇپلا قالماي، يەنە ئۇلارنىڭ ئىشلارنى بىر تەرەپ قىلىش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرەلەيدىكەن.

  ئامېرىكا ئىللىنوئىس داشۆسى شامپان شۆبە مەكتىپى پائالىيەت ۋە ئاممىۋى ساغلاملىق ئىلمى پروفېسسورى نايمان خان ۋە ئامېرىكا شەرقىي شىمال داشۆسىنىڭ پروفېسسورى چارلىس شىرمان بىرلىكتە بۇ تەتقىقاتنى تاماملىدى. تەتقىقات ئۆمىكى توققۇز ياشتىن 11 ياشقىچە بولغان 75 بالىنى تەجرىبە ئوبيېكتى قىلىپ، ئالدى بىلەن ئۇلارنى ئۇدا تۆت كۈن، ھەر كۈنى ئادەتتىكى ئاساسىي لىنىيە بويىچە يېرىم لىتىر سۇ ئىچىشكە ئورۇنلاشتۇردى. ئارقىدىن، سىناققا قاتناشقان بالىلار ھەر كۈنى ئىچىدىغان سۇ مىقدارىنى 2.5 لىتىرغا يەتكۈزۈپ، تۆت كۈن داۋاملاشتۇردى. تەتقىقاتچىلار سۈيدۈكنىڭ سېلىشتۇرما ئېغىرلىقى ۋە سۈيدۈك رەڭگى قاتارلىق تەكشۈرۈش ئۇسۇللىرى ۋە مەخسۇس لايىھەلەنگەن كۆپ خىل ۋەزىپىلىك ئۆلچەش پائالىيەتلىرىدىن پايدىلىنىپ، ئىككى خىل سۇ تەركىبى بولغان ئەھۋالدا، بالىلارنىڭ سۈيدۈكنى گىدراتلاشتۇرۇش سانلىق مەلۇماتى ۋە بىلىش ئىقتىدارىنى سىنىدى. نەتىجىدە، كۆپ سۇ ئىچكەندە، بالىنىڭ ئىشلارنى بىر تەرەپ قىلىش ئىقتىدارى تېخىمۇ كۈچلۈك، ئىنكاسى تېخىمۇ تېز بولغان. بۇ شۇنى چۈشەندۈرۈپ بېرىدۇكى، سۇنى كۆپ ئىچىش مۇرەككەپ بىلىش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈشكە پايدىلىق ئىكەن.

  تەتقىقاتچىلار مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: بالىلار ئادەتتە تەشەببۇسكارلىق بىلەن سۇ ئىچمەيدۇ، شۇڭا ئۇلار دائىم سۇسىزلىنىش ھالىتىدە تۇرىدۇ ، ئاتا-ئانىلار بالىلارنىڭ سۇ ئىچىشىنى مۇۋاپىق ئەسكەرتىشى ئىنتايىن مۇھىم.

  خەلق تورىدىن تەرجىمە قىلىندى
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ