ماتېرىيال: كاۋا 250 گىرام، نېلۇپەر ئۇرۇقى 30 گىرام ، ئاق مور بىر قۇلاق، چىلان 10 تال(2-3 كىشىلىك مىقدار)
تەييارلاش ئۇسۇلى: ئالدى بىلەن ماتېرىياللارنى تەييارلاپ، ئاق مورنى ئىلمان سۇغا 30 مىنۇت چىلاپ، يىلتىزىنى ئېلىۋېتىمىز؛ كاۋىنىڭ پوستىنى ئېلىۋېتىپ، كاللەك قىلىپ توغرايمىز، چىلان بىلەن نېلۇپەر ئۇرۇقىنى پاكىز يۇيۇپ، ئازراق چىلاپ قويىمىز. قازانغا مۇۋاپىق مىقداردا سۇ قويۇپ، ئالدى بىلەن ئاق مور ۋە نېلۇپەر ئۇرۇقى نىسېلىپ، 15 مىنۇت قاينىتىمىز، ئاندىن چىلاننى سېلىپ بەش مىنۇت قاينىتىمىز، ئەڭ ئاخىرىدا كاۋىنى سېلىپ تەكشى ئارىلاشتۇرۇپ، كاۋا يۇمشىغىچە قاينىتىمىز، ئاخىرىدا ھەر بىر ئادەمنىڭ ياقتۇرۇشىغا ئاساسەن ئازراق تۇز (ياكى شېكەر) قوشساقلا بولىدۇ .
بۇ خىل شورپىنىڭ قاننى قۇۋۋەتلەش، تالنى ساغلاملاشتۇرۇش، نېرۋىنى تىنچلاندۇرۇش رولى بار.
خەلق تورىدىن تەرجىمە قىلىندى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ