مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

ھۆل لازىنى كۆپ يېگەندە، دىيابېت كېسىلىنىڭ ئالدىنى ئالغىلى بولىدۇ

2019.11.29 18:03 مەنبە: تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى

  بىر تۈرلۈك تەتقىقاتتا كۆرسىتىلىشىچە، ئاچچىق سەيلەرنى كۆپ يېگەندە راك كېسىلى، قان كەملىك تىپىدىكى يۈرەك كېسىلى، نەپەس سىستېمىسى كېسەللىكلىرى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان بالدۇر ئۆلۈپ كېتىش خەۋپىنى تۆۋەنلەتكىلى بولىدىكەن، لازىنى خام يەپ بەرگەندە Ⅱ تىپلىق دىيابېت كېسىلىگە گىرىپتار بولۇش خەۋپىمۇ تۆۋەنلەيدىكەن.

  تەتقىقات گۇرۇپپىسى ئىلگىرى راك كېسىلى، يۈرەك كېسىلى، مېڭە سەكتىسى كېسەللىكلىرىگە گىرىپتار بولۇپ باقمىغان 30~79 ياشقىچە بولغان جۇڭگولۇق ئەر-ئايالدىن 487 مىڭنى تەجرىبىگە قاتناشتۇرغان. تەخمىنەن 7.2 يىل ئىز قوغلاپ تەكشۈرۈشتىن كېيىن مەلۇم بولۇشىچە، ئازراق لازىدا تەملەندۈرگەن تەقدىردىمۇ، ئاچچىق سەي يېگەن قېتىم سانى ۋە يۇقارقى كېسەللىكلەرگە گىرىپتار بولۇش خەۋپى تەتۈر تاناسىپ بولۇپ، ئاچچىقنى يېگەن قېتىم سانى قانچە كۆپ بولسا، كېسەلگە گىرىپتار بولۇپ بالدۇر ئۆلۈش نىسبىتى شۇنچە تۆۋەن بولىدىكەن. بۇ نۇقتا ھاراق ئىچمەيدىغانلارنىڭ بەدىنىدە تېخىمۇ كۆرۈنەرلىك ئىكەن. ئۇنىڭدىن باشقا، تەتقىقاتچىلار يەنە تۇنجى قېتىم، قۇرۇق لازا يېگەنگە سېلىشتۇرغاندا، ھۆل لازىنى كۆپ يېگەندە Ⅱ تىپلىق دىيابېت كېسىلىگە گىرىپتار بولۇش خەۋپىنىڭ تۆۋەنلەيدىغانلىقىنى بايقىغان.

  تەتقىقاتچىلارنىڭ بىلدۈرۈشىچە، خام لازىنىڭ ئوزۇقلۇق مىقدارى قۇرۇق لازىغا قارىغاندا مول بولۇپ، ئاچچىق يېيىشنى ياخشى كۆرىدىغانلار ھۆل لازا يەپ سىناپ باقسا بولىدىكەن، بۇنداق بولغاندا دىئابېت كېسىلىنىڭ ئالدىنى ئالغىلى بولۇپلا قالماستىن، يەنە تۇرمۇش ئۇسۇلى سەۋەبىدىن كېلىپ چىققان نۇرغۇن كېسەللەرنى ئازايتقىلى بولىدىكەن.

  خەلق تورىدىن تەرجىمە قىلىندى.
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ