بىرىنچى، كىشىلەرنىڭ كۈندىلىك ئىستېمال قىلغان يېمەكلىك تۇز مىقدارى ئوتتۇرا ھېساب بىلەن بەش گىرامدىن ئېشىپ كەتمەسلىكى كېرەك.
ئىككىنچى، قۇرامىغا يەتكەنلەرنىڭ كۈندىلىك ئىستېمال قىلغان يېمەكلىك ماي مىقدارى ئوتتۇرا ھېساب بىلەن 25~30 گىرامدىن ئېشىپ كەتمەسلىكى كېرەك.
ئۈچىنچى، كىشىلەرنىڭ كۈندىلىك قوبۇل قىلىدىغان شېكەر مىقدارى ئوتتۇرا ھېساب بىلەن 25 گىرامدىن ئېشىپ كەتمەسلىكى كېرەك.
تۆتىنچى، كۈندىلىك مېۋە-چېۋە، كۆكتات ئىستېمال قىلىش مىقدارى 500 گىرامدىن تۆۋەن بولماسلىقى كېرەك.
بەشىنچى، كۈندىلىك ئىستېمال قىلىدىغان يېمەكلىكلەرنىڭ تۈرى 12 خىلدىن ئاز بولماسلىقى، ھەر ھەپتىدە 25 خىلدىن ئاز بولماسلىقى كېرەك.
ئالتىنچى، سۇنى يېتەرلىك مىقداردا ئىچىش كېرەك، قۇرامىغا يەتكەنلەر ئادەتتە كۈندە 7~8 ئىستاكان سۇ ئىچىشى كېرەك.
يەتتىنچى، قانۇنىيەتلىك ئوزۇقلىنىش، ئۈچ ۋاق تاماقنى ۋاقتىدا يېيىش، ھەددىدىن زىيادە تويۇنۇپ يەۋالماسلىق كېرەك، ئادەتتە يەتتە، سەككىز ئۈلۈش تويۇنسىلا يېتەرلىك بولىدۇ.
سەككىزىنچى، ئوزۇقلىنىشتا گالنى ھەددىدىن زىيادە قىسىپ، ئېھتىياجلىق بولغان ئوزۇقلۇقلارنىڭ قوبۇل قىلىنىشىغا تەسىر يەتكۈزۈشتىن ساقلىنىش كېرەك.
توققۇزىنچى، ساقلىقنى ساقلاش يېمەكلىكلىرى دورا ئەمەس، ساقلىقنى ساقلاش يېمەكلىكلىرىنى توغرا تاللاپ ئىستېمال قىلىش كېرەك.
ئونىنچى، بالىلار، ئۆسمۈرلەر، ھامىلىدار ئاياللار، بالا ئېمىتىۋاتقان ئاياللار ھاراق ئىچمەسلىكى كېرەك.
ئون بىرىنچى، قۇرامىغا يەتكەنلەر بەدەن ئېغىرلىق كۆرسەتكۈچى(BMI)نى 18.5~24 kg/m² بويىچە ساقلىشى كېرەك.
ئون ئىككىنچى، قۇرامىغا يەتكەن ئەرلەرنىڭ بەل ئايلانمىسى 85cmدىن، ئاياللارنىڭ بەل ئايلانمىسى 80cmدىن تۆۋەن بولۇشى كېرەك.
خەلق گېزىتى ئۈندىدار سۇپىسىدىن تەرجىمە قىلىندى