مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

ئارپىبەدىياننىڭ مۇنداقمۇ رولى بار

2019.08.30 19:52 مەنبە: تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى

 ئارپىبەدىيان ئائىلىدە دائىم ئىشلىتىدىغان تېتىتقۇ، ئۇ يەنە جۇڭيى دورىسى بولۇپ، كۈندىلىك ساقلىقنى ساقلاشتا ئىشلىتىلىدۇ.

  جۇڭيى تېبابىتىدە مۇنداق قارايدۇ: ئارپىبەدىيان تەمى ئاچچىق، تەبىئىتى مۆتىدىل بولۇپ، جىگەر، بۆرەك، تال، ئاشقازاندىكى سوغۇقنى ھەيدەپ ئاغرىقنى توختىتىپ، ئاشقازاننى قۇۋۋەتلەيدۇ. ئارپىبەدىياننى تۇز بىلەن قورۇغاندىن كېيىن، سوغۇقنى ھەيدەپ ئاغرىقنى توختىتىدۇ. ھازىر ھاۋا بەك ئىسسىق، ئۆي ئىچى تېمپېراتۇرىسى بىلەن سىرتنىڭ تېمپېراتۇرا پەرقى چوڭ، كىشىلەر نېپىز كىيىنىدۇ، بويۇنمۇ سىرتقا ئېچىلىپ تۇرىدۇ، ھاۋا تەڭشىگۈچ قويۇلغان ئۆيدىكى سوغۇق ھاۋا ئاسانلا تېرىدىن ئورگانىزمغا سىڭىپ كىرىپ كېسەللىك پەيدا قىلىدۇ. بولۇپمۇ بويۇن ئومۇرتقىسى ئاسانلا زەخىملىنىپ، قېتىپ قېلىش، ئاغرىش قاتارلىق بىئاراملىق ئالامەتلىرى كۆرۈلىدۇ. بۇ يەردە كۆپچىلىككە ئارپىبەدىيان بىلەن بويۇن ئومۇرتقىسى ئاغرىشنى پەسەيتىدىغان بىر ئۇسۇلنى تەۋسىيە قىلىمىز: ئارپىبەدىيان ئۇرۇقىدىن 50 گرام تەييارلايمىز، خام تۇز بىلەن قورۇپ قىزدۇرغاندىن كېيىن، كىچىك رەخت خالتىغا سېلىپ، بويۇنغا 30 مىنۇت ئەتراپىدا بىر كۈندە ئىككى قېتىم ئىسسىقلىق ئۆتكۈزىمىز. بىر ھەپتە ئەتراپىدا داۋاملاشتۇرغاندا، بويۇن ئومۇرتقىسى ئاغرىقى كۆرۈنەرلىك پەسىيىدۇ. بۇ ئۇسۇل قىش پەسلىدىمۇ ئوخشاشلا سوغۇقتىن ئاغرىغان بويۇن ئومۇرتقا كېسىلىگە ماس كېلىدۇ .

  شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا ، ئارپىبەدىيان تەركىبىدە ئارپىبەدىيان ئالكوگول، ئارپىبەدىيان ئېفىر قاتارلىق ئۇچۇچان ماي ماددىسى بولۇپ، بەلگىلىك تىنچلاندۇرۇش رولىغا ئىگە، شۇڭا ئۇيقۇنى ياخشىلاشقا ياردەم بېرىدۇ. بىر تۇتام ئارپىبەدىياننى خالتىغا سېلىپ، ئۇنىڭغا ئازراق تۇز قۇيۇپ، ئاغزىنى ئېتىپ تەكشى ئارىلاشتۇرىمىز. ئۇخلىغاندا، خالتىنى ياستۇق يېنىغا قويۇپ قويساق، ئۇيقۇنى ياخشىلاپ ، ئۇيقۇ سۈپىتىنى يۇقىرى كۆتۈرگىلى بولىدۇ.

خەلق تورىدىن تەرجىمە قىلىندى
مەسئۇل مۇھەررىر : مۇستافا شاۋكەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ