مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

ئۇخلاش ھالىتى توغرا بولمىغاندا يەتتە خىل كېسەلگە گىرىپتار بولىدىكەن

2019.08.30 19:50 مەنبە: تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى

 نۇرغۇن خىزمەتچىلەر چۈشتە ئازراق ئارام ئېلىۋالسىلا، چۈشتىن كېيىن روھلۇق بولۇپ قالىدۇ. چۈشلۈك ۋاقىت چەكلىك بولغاچقا، ئۆيگە قايتىپ چۈشتە ئۇخلىيالايدىغانلار كۆپ ئەمەس، شۇڭا نۇرغۇن خىزمەتچىلەر ئۈستەلگە بېشىنى قويۇپ ئۇخلاپ ئادەتلەنگەن. بەزىدە بۇنداق قىلىشنىڭ سالامەتلىككە چوڭ زىيىنى بولمىسىمۇ، لېكىن ۋاقىت ئۇزارغانسېرى ئاستا-ئاستا كېسەلگە گىرىپتار قىلىدۇ.

  ئۈستەلگە بېشىنى قويۇپ ئۇخلىغاندا تۆۋەندىكى يەتتە خىل كېسەلگە ئاسان گىرىپتار بولىدۇ.

  1. يۈرەك، مېڭە قان-تومۇر كېسەللىكلىرى

  ئۈستەلگە باشنى قويۇپ ئۇخلىغاندا، ئومۇرتقا ۋە كۆكرەك ئېغىر دەرىجىدە ئىگىلىپ، بويۇن ئارتېرىيەسى، يۈرەك، ئۆپكە، ئاشقازان-ئۈچەي قاتارلىق ئەزالارنى بېسىپ، يۈرەك، ئۆپكىنىڭ يۈكىنى ئېغىرلىتىۋېتىدۇ، بۇ مېڭىگە قان ۋە ئوكسېگىن يېتىشمەسلىكنى پەيدا قىلىپ، ئۇخلاپ ئويغانغاندىن كېيىن باش قېيىش، كۆز قاراڭغۇلىشىش، قۇلاق غۇڭۇلداش قاتارلىق بىر قاتار كېسەللىك ئالامەتلىرىنى پەيدا قىلىدۇ. ۋاقىت ئۇزارغانسېرى سەكتە قاتارلىق يۈرەك، مېڭە قان-تومۇر كېسەللىكلىرىنى پەيدا قىلىشى مۇمكىن.

  2. سوزۇلما خاراكتېرلىك ئاشقازان ياللۇغى

  چۈشلۈك تاماقتىن كېيىن، ئادەم بەدىنىدىكى كۆپ قىسىم قان ئاشقازان-ئۈچەيگە ئېقىپ كىرىپ، ھەزىم قىلىپ قوبۇل قىلىنىشقا ياردەم بېرىدۇ، ئاز دېگەندىمۇ بىر سائەتتە ئاشقازاندىكى يېمەكلىكنى بوشىتىدۇ؛ ئەگەر چۈشلۈك تاماقتىن كېيىن ئۈستەلگە بېشىنى قويۇپ ئۇخلىغاندا، بەدەننىڭ ئېگىلىش دەرىجىسى ئېشىپ، ئاشقازان-ئۈچەي بېسىلىپ، لۆمۈلدەش يۈكىنى ئاشۇرۇۋېتىدۇ، شۇنىڭ بىلەن ئاشقازان-ئۈچەيدە يەل تۇرۇپ قېلىپ، سوزۇلما خاراكتېرلىك ئاشقازان ياللۇغىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.

  3. كۆز ئالمىسى بېسىلىپ، كۆرۈش قۇۋۋىتى زىيانغا ئۇچرايدۇ

  بۇنداق ئۇخلىغاندا، بىلەك كۆز ئالمىسىنى بېسىۋېلىپ، قىسقا مەزگىللىك كۆرۈش قۇۋۋىتى غۇۋالىشىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ، سەۋەبى كۆز ئالمىسى بېسىلىشقا ئۇچرىغانلىقتىندۇر. ۋاقىت ئۇزارغانسېرى كۆز ئالمىسىنىڭ بېسىمى ئېشىپ، كۆز ئالمىسى يوغىناپ، كۆز ئوقى ئۇزىراپ، ئاسانلا مۈڭگۈز پەردىنى يارىلاندۇرۇپ قويىدۇ. كۆز ئالمىسى بېسىلغاندا كۆز ئاغرىپ، قۇرغاقلىشىپ، كۆرۈش قۇۋۋىتى ئاجىزلاپ، ئېغىر دەرىجىدىكى يىراقنى كۆرەلمەسلىك، ھەتتا گىلاۋكوما كېلىپ چىقىدۇ.

  4. بويۇن ئومۇرتقا ئارىلىق تەخسىسى پولتىيىپ چىقىش

  سۆڭەك بۆلۈمىنىڭ نۇقتىسىدىن قارىغاندا، يۈز قىسمىنىڭ گەجگە بىلىكىنى تۆۋەنگە چۈشۈرۈش ھالىتى نورمال فىزىئولوگىيەلىك ياي گىرادۇسىنىڭ ئەكسىچە بولىدۇ؛ ياندىن گەجگە بىلىكىگە قارىغان چاغدا، بويۇن ئومۇرتقىسى مەجبۇرىي 45 گىرادۇس - 90 گىرادۇس ئەتراپىدا ئايلىنىپ، بويۇن مۇسكۇللىرى ۋە مۈڭگۈزلىرى داۋاملىق تارتىلىپ تۇرىدۇ. شۇڭا، ئويغانغاندىن كېيىن بوينى قېتىپ، بوينىغا يەل تۇرۇپ قالغاندەك ھېس قىلىدۇ. ئۇزۇن مەزگىلدىن قارىغاندا، مۇسكۇل زىيانغا ئۇچراش تەبىئىي ئىش بولۇپ، ئومۇرتقا ئارىلىق تەخسىسى چېكىنىش، پولتىيىپ چىقىش، ئېغىر بولغاندا يەنە بىر قاتار بويۇن، بەل ئومۇرتقىسى كېسەللىكلىرى كۆرۈلىدۇ.

  5. بىلەك نېرۋىسى ئويۇشۇش

  بىلەكنى ياستۇق قىلغان چۈشلۈك ئۇيقۇ ھالىتىدە بىلەك - يان بىلەك نېرۋىلىرى بېسىۋېلىپ، نورمال قان ئايلىنىش ۋە نېرۋىلار تەسىرگە ئۇچراپ، چوكا، قەلەم تۇتالماسلىق ھەمدە مۈرە ئاغرىش، بىلەك تېلىپ ئاغرىش قاتارلىق قىسمەن نېرۋا كېسەللىكلىرىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىشى مۇمكىن.

  6. يۈزنىڭ شەكلى ئۆزگىرىش

  ئۈستەلدە يېتىپ ئۇخلىغاندا، يۈز - قوللىرىنى ياستۇق قىلىپ، يۈز نېرۋىسىنى بېسىۋېلىپ، زەخمىلەندۈرۈپ يۈز قىسمىنىڭ ئۇيۇشۇپ قېلىشىنى، ھەتتا تېلىپ ئاغرىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. ئەگەر دىققەت قىلمىسا نېرۋا ياكى يۈز قىسمىنىڭ شەكلى ئۆزگىرىپ، « سەتلىشىپ » كېتىشىڭىز مۇمكىن.

  7. زۇكام بولۇش

  ئادەم ئۇخلاپ بولغاندىن كېيىن، پۈتۈن بەدەننىڭ ئاساسىي مېتابولىزمى ئاستىلايدۇ، مۇسكۇللار بوشىشىپ، قان تومۇرلار كېڭىيىدۇ، بەدەن تېمپېراتۇرىسىنى تەڭشەش ئىقتىدارىمۇ تۆۋەنلەيدۇ، بۇنىڭ بىلەن پۈتۈن بەدەننىڭ قارشىلىق كۈچى تۆۋەنلەيدۇ. كىلىمات ئۆزگىرىدىغان پەسىلدە، ئەگەر دىققەت قىلمىسا، ئويغانغاندىن كېيىن بۇرۇن پۈتۈپ قېلىش، باش قېيىش قاتارلىق ئالامەتلەر كۆرۈلىدۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر : مۇستافا شاۋكەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ