مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

ياز پەسلىدە چاچنى يۇيۇپ بولغاندىن كېيىن چاچ قۇرۇتقۇچنىڭ ئىسسىق شامىلىدا قۇرۇتۇڭ

2019.08.30 19:50 مەنبە: تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى

 باش تېرىسى قۇرغاق تۇرۇشنى خالايدۇ، نەملىكنى خالىمايدۇ، ئەگەر داۋاملىق تەرلەپ تۇرغاندا، تېرىدىن زىيادە كۆپ ياغ ئاجرىلىپ چىقىپ، زىيانلىق باكتېرىيەنىڭ كۆپىيىشىگە پايدىلىق شارائىت يارىتىلىپ، باش تېرىسى قىچىشىپ، بەدبۇي پۇراق چىقىرىدۇ. بۇ خىل ئەھۋالدا چاچ مۈڭگۈز پەردىسى قاتلىمى ئېچىلىپ، چاچ تارىغاندا باش تېرىسى يارىلىنىدۇ، ۋاقىت ئۆتكەنسېرى چاچنىڭ سۈپىتى ناچارلىشىدۇ. يېقىندا، ياپونىيە «خولىمېن» ئۇنىۋېرىسال تور بېكىتى ياز پەسلىدە باش تېرىسىنى ئاسراش ئۈچۈن تۆۋەندىكى نۇقتىلارغا دىققەت قىلىش كېرەكلىكىنى ئەسكەرتتى:

  ئىسسىپ كەتكەندە ۋاقتىدا سۈرتۈۋېتىش.

  باش تېرىسى ئادەم بەدىنىدىكى تېرە ياغ بېزى ئەڭ كۆپ بۆلەك بولۇپ، يۇقىرى تېمپېراتۇرىدىكى نەم مۇھىتتا كۆپ مىقداردا تېرە ياغلىرىنى ئاجرىتىپ، بەدبۇي پۇراق چىقىرىدۇ. سىرتقا چىققاندا ئەڭ ياخشىسى پاكىز قەغەز ئېلىۋېلىپ، تەرلىگەندىن كېيىن ئاستا سۈرتۈۋېتىش كېرەك.

  چاچ يۇيۇش سوپۇنىنى توغرا تاللاش.

  تەر چىققاندىن كېيىن، نۇرغۇن كىشىلەر بىر كۈندە چاچنى ئىككى-ئۈچ قېتىم يۇيىدۇ، شۇڭا مۇۋاپىق چاچ يۇيۇش سوپۇنى تاللاش ناھايىتى مۇھىم. چاچ يۇيۇش سوپۇنىنىڭ يۇيۇش ئىقتىدارى بەك كۈچلۈك بولسا، تېرىدىن زىيادە كۆپ ياغ قەۋىتى ئاجرىتىپ چىقىرىپ، باش قىچىشىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. شۇڭا خاراكتېرى مۆتىدىل ۋە كىسلاتالىقى ئاجىز چاچ يۇيۇش سوپۇنىنى ئىشلىتىش كېرەك.

  چاچنى يۇيۇپ بولغاندىن كېيىن، چاچ قۇرۇتقۇچنىڭ ئىسسىق شامىلىدا چاچ قۇرۇتۇش كېرەك. ياز پەسلىدە ھاۋا ئىسسىق بولغاچقا، بىر قىسىم كىشىلەر چېچىنى يۇيغاندىن كېيىن تەبىئىي قۇرۇتىدۇ، ھەتتا چېچىنى تولۇق قۇرۇتمايلا ئۇخلايدۇ. چاچ داۋاملىق ھۆل تۇرسا، باكتېرىيە پەيدا قىلىدىغان پارنىكقا ئايلىنىپ قالىدۇ. شۇڭا چاچنى يۇيغاندىن كېيىن قۇرۇتقۇچنىڭ ئىسسىق شامىلىدا قۇرۇتۇپ، كېيىن سوغۇق شامالدا بىر قېتىم قۇرۇتۇۋېتىش كېرەك. بۇنداق بولغاندا چاچ مۈڭگۈز پەردە قىسمى تۆۋەن تېمپېراتۇرىدا يېپىلىپ، چاچ تېخىمۇ سىلىق بولىدۇ.

جۇڭگو ئاياللار گېزىتىدىن تەرجىمە قىلىندى

مەسئۇل مۇھەررىر : مۇستافا شاۋكەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ