مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

ئورۇقلاش ئۈچۈن ئەمەس، بەلكى ساغلاملىق ئۈچۈن ئورۇقلاڭ

2019.08.30 19:49 مەنبە: تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى

ئۇزۇن يىللىق «ئورۇقلۇقنى گۈزەللىك دەپ بىلىش»تەك ئىستېتىك گۈزەللىك قارىشى سەۋەبىدىن، نۇرغۇن كىشىلەر ئورۇقلاش ئۈچۈن ھەرقانداق بەدەل تۆلەشتىن باش تارتمايدىغان بولۇپ كەتتى.

ئەمەلىيەتتە، «ئورۇقلاش»نى «ساغلاملىق» بىلەن باغلاپ، ئورۇقلاش ياكى ئورۇقلىماسلىقنى ئادەم بەدىنىنىڭ كونكرېت ئەھۋالىغا ئاساسەن ھۆكۈم قىلىش كېرەك. قۇرامىغا يەتمىگەنلەرگە نىسبەتەن ئېيتقاندا، بالاغەتكە يېتىش مەزگىلىدە ئاسانلا سەمرىپ كېتىش ئەھۋالى كۆرۈلىدۇ، لېكىن بۇ ۋاقىتتا قارىغۇلارچە ئورۇقلاپ، ساغلام ئۆسۈپ يېتىلىشكە تەسىر يەتكۈزۈشكە ھەرگىز بولمايدۇ. بۇنىڭغا قارىتا، ئائىلە، مەكتەپ تەربىيەسىنى ۋاقتىدا ئېلىپ بېرىپ، ياش - ئۆسمۈرلەردە توغرا قىممەت قارىشىنى تىكلەپ، ساغلاملىق تەربىيەسىنى كۈچەيتىپ، ياش - ئۆسمۈرلەرنىڭ ئورۇقلاش ئۈچۈن چېكىدىن ئاشقان ئىشلارنى قىلىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ھەمدە بەزى ئوقۇغۇچىلارنىڭ «تاماقنى زىيادە كۆپ يەپ، ھەرىكەتنى ئاز قىلىشى» سەۋەبىدىن «بودەك» بولۇپ قېلىشىدىن ساقلىنىش كېرەك.

ئورۇقلىغانلىق گۈزەل بولغانلىق ئەمەس، ئەگەر ئورۇقلاشنىڭ چوقۇم بىر مەقسىتى بولسا، ئۇنداقتا ساغلاملىق ئۈچۈن بولۇشى كېرەك، ساغلام بەدەن تېخىمۇ گۈزەل بولىدۇ. ئادەتتە «ئېغىزىڭىزنى چىڭ باشقۇرۇڭ، پۇتىڭىزنى ھەرىكەتلەندۈرۈڭ» دېگەن پىرىنسىپتا، ئوزۇقلۇق تەڭپۇڭلۇقى بىلەن كۈندىلىك چېنىقىشنى بىرلەشتۈرۈپ، ئىلمىي ئورۇقلاش تەۋسيە قىلىنىدۇ. «مەجبۇرىي ياندۇرۇش»تەك تەبىئەت قانۇنىيىتىگە خىلاپ تېز سۈرئەتتە ئورۇقلاش ئۇسۇلىغا ئىشەنمەڭ. قىسقىسى، ئادەم چوقۇم سالامەتلىكىنى ئاسراشنى بىلىشى كېرەك.

بېيجىڭ ياشلار گېزىتىدىن تەرجىمە قىلىندى
مەسئۇل مۇھەررىر : مۇستافا شاۋكەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ