مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

پەننى ئومۇملاشتۇرۇش: نېمە ئۈچۈن تاماقتىن كېيىن ئادەمنى ئۇيقۇ باسىدۇ؟

2019.08.30 19:48 مەنبە: تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى

تاماقتىن كېيىن ئۇيقۇ بېسىش، چۈشلۈك تاماقتا نېمە يېگەنلىك بىلەن مۇناسىۋەتلىك. ئوزۇقشۇناسلارنىڭ قارىشىچە، تاماقتىن كېيىن ئۇيقۇ بېسىش نورمال ئەھۋال بولۇپ، بۇ ئادەم بەدىنىنىڭ ھەزىم قىلىش قانۇنىيىتى بىلەن باغلىنىشلىق ئىكەن. بىز يېمەكلىكلەرنى ئىستېمال قىلغاندىن كېيىن، ئاشقازان-ئۈچەي يولىمىز يېمەكلىكلەرنى ھەزىم قىلىشقا باشلايدۇ، قان ئاشقازان-ئۈچەي يولىمىزغا يىغىلىپ، يېمەكلىكلەرنى ھەزىم قىلىپ، ئوزۇقلۇق ماددىلارنى سۈمۈرۈشكە كۈچىنى مەركەزلەشتۈرىدۇ، شۇنىڭ بىلەن مېڭىنىڭ قان بىلەن تەمىنلىنىشى ئازىيىدۇ، شۇ سەۋەبلىك تاماقتىن كېيىن ئۇيقۇ باسقاندەك ھېس قىلىمىز، شۇڭا بۇ ئىنتايىن نورمال ئىش ھېسابلىنىدۇ.

ئەمەلىيەتتە، تاماقتىن كېيىن ئاسان ئۇيقۇ بېسىش تاماقتىن كېيىن قان شېكىرى، قاندىكى ماي مىقدارىنىڭ ئۆرلىشى بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك. قورساق تويغاندىن كېيىن ئاسانلا ئۇيقۇسى كېلىش ئەھۋالىنى چۈشەندۈرگەندە، بىر تۈرلۈك مېخانىزملىق تەھلىلدە تاماق يېگەندە چوڭ مېڭە ئاجرىتىپ چىقارغان تويۇنۇش سېگنالى بولغان مولېكۇلىلىق ئۆت تارايتىش ھورمونى بىرلا ۋاقىتتا چوڭ مېڭىنىڭ ئۇخلاشقا مەسئۇل رايونىنى ئاكتىپلاشتۇرىدۇ، دەپ قارالغان.

ھازىر نۇرغۇن كىشىلەرنىڭ ئاساسىي ئوزۇقلۇقى گاڭپەن، چۆپ ياكى موما قاتارلىقلار بولۇپ، ئۇلارنىڭ تەركىبىدىكى كاربون سۇ بىرىكمىلىرىنىڭ نىسبىتى ناھايىتى يۇقىرى ئىكەن. تەتقىقاتلاردىن بايقىلىشىچە، بۇ يېمەكلىكلەرنى ئىستېمال قىلغاندا قان شېكىرىنى تېز سۈرئەتتە ئۆرلىتىپ، زور مىقداردا ئىنسۇلىن ئاجرىلىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىكەن. ئىنسۇلىن بىر خىل ئالاھىدە بولغان ئامىنو كىسلاتا-ترىپتوفاننى چوڭ مېڭىگە يەتكۈزىدىكەن، ھالبۇكى، ترىپتوفان چوڭ مېڭىدە سېروتونىنغا ئايلىنىپ، كىشىلەرنىڭ ئۇيقۇسىنى كەلتۈرىدىكەن.

ئادەتتىكى ئەھۋالدا، ئەگەر تاماقتىن كېيىن ئۇنداق ئاسان ئۇيقۇ باسمىسۇن دېسەك، چۈشلۈك تاماققا دىققەت قىلىشىمىز زۆرۈر ئىكەن. بىرىنچىدىن، بەدەننىڭ كاربون سۇ بىرىكمىلىرىنى سۈمۈرۈشىنى ئاستىلىتىش كېرەك. تەركىبىدە ئاقسىل بولغان يېمەكلىكلەرنى، مەسىلەن: بېلىق، تۇخۇم، پۇرچاقتىن ياسالغان يېمەكلىكلەرنى كۆپرەك يېيىش، كاربون سۇ بىرىكمىلىرى مىقدارى ئاز بولغان يېمەكلىكلەرنى، مەسىلەن: گاڭپەن قاتارلىق ئاساسىي ئوزۇقلۇقلارنى ئاز يېيىش كېرەك. ئاقسىل ۋە كۆكتاتتىن تەركىب تاپقان چۈشلۈك تاماق چوڭ مېڭىنىڭ ئۆتكۈر تەپەككۇرى ۋە سەگەكلىك دەرىجىسىنى ساقلاشتا ھەل قىلغۇچ رول ئوينايدۇ. ئىككىنچىدىن، تاماق يېيىش تەرتىپىدە ئاۋۋال شورپا ئىچىش، ئاندىن كۆكتات ۋە ئاساسىي ئوزۇقلۇقنى يېيىش كېرەك. بۇنداق قىلغاندا، ئالدى بىلەن ئاشقازان تويۇنغاندەك بولىدۇ، ئاندىن يەنە يېسە ئاشقازان-ئۈچەينىڭ يۈكى ئارتىپ كەتمەيدۇ.

شىنخۇا تورىدىن تەرجىمە قىلىندى
مەسئۇل مۇھەررىر : مۇستافا شاۋكەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ