مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

پىياز تۈرىدىكى كۆكتاتلارنى دائىم يەپ بەرگەندە ئۈچەي راكى خەۋپ-خەتىرىنى تۆۋەنلەتكىلى بولىدىكەن

2019.08.30 19:29 مەنبە: تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى

جۇڭگو تېببىي داشۆسى قارمىقىدىكى 1-دوختۇرخانا تەتقىقاتچىلىرىنىڭ بايقىشىچە، سامساق، جۇسەي، باش پىياز، سېرىق جۇسەي ۋە سۇڭپىياز قاتارلىق پىياز تۈرىدىكى كۆكتاتلارنى ئىستېمال قىلغاندا بوغماق ئۈچەي راكى ۋە تۈز ئۈچەي راكىغا گىرىپتار بولۇش خەۋپىنى كۆرۈنەرلىك تۆۋەنلەتكىلى بولىدىكەن.

  2009-يىلى 6-ئايدىن 2011-يىلى 11-ئايغىچە، تەتقىقات ئۆمىكى دۆلەت ئىچىدىكى ئۈچ دوختۇرخانىدا بىر تۈرلۈك كېسەللىك مىسالىنى سېلىشتۇرۇپ تەتقىق قىلغان. تەتقىقاتچىلار 833 نەپەر ئۈچەي راكى بىمارىنى تاللاپ، يېشى، جىنسى، ئولتۇراق رايونى بىلەن ماس كېلىدىغان، سانى ئوخشاش بولغان ساغلاملىق پىدائىيلىرىنى باشقىدىن تاللىغان. تەتقىقاتچىلار سىناققا قاتناشقۇچىلارنىڭ يېمەك-ئىچمەك ئادىتى ۋە كېسەللىك سەۋەبىنى ئىز قوغلاپ تەكشۈرۈش ئارقىلىق، كۈندىلىك يېمەك-ئىچمىكىدە پىياز تۈرىدىكى كۆكتاتلارنى قوبۇل قىلىش مىقدارى ئەڭ كۆپ بولغان كىشىلەرنىڭ بوغماق ئۈچەي راكى ۋە تۈز ئۈچەي راكىغا گىرىپتار بولۇش ئېھتىماللىقىنىڭ پىياز تۈرىدىكى كۆكتاتلارنى قوبۇل قىلىش مىقدارى ئاز بولغانلارغا قارىغاندا %79 تۆۋەن بولىدىغانلىقىنى بايقىغان. ھەر يىلى ئاز دېگەندە 16 كىلوگىرام پىياز تۈرىدىكى كۆكتاتتىن (ھەر كۈنى تەخمىنەن 44 گىرام) ئىستېمال قىلغاندا خەۋپ-خەتەرنى كۆرۈنەرلىك تۆۋەنلەتكىلى بولىدىكەن، قوبۇل قىلىش مىقدارى قانچە كۆپ بولسا، قوغداش ئۈنۈمى شۇنچە ياخشى بولىدىكەن.

  تەتقىقاتچىلارنىڭ ئېيتىشىچە، پىياز تۈرىدىكى كۆكتاتلارنى پىشۇرۇش ئۇسۇلى راكقا قارشى تۇرۇش ئۈنۈمىگە بەلگىلىك تەسىر كۆرسىتىدىكەن. مەسىلەن: باش پىيازنى قاينىتىپ پىشۇرغاندا راكقا قارشى تۇرۇش ئۈنۈمىگە ئىگە خىمىيەلىك ماددىلارنىڭ مىقدارى ئازىيىپ كېتىدىكەن، ئەمما ئۇنى يالپاغداپ توغراپ ياكى يانجىپ ئىستېمال قىلسا تېخىمۇ پايدىلىق ئىكەن. ( مىڭ ۋېن )

مەسئۇل مۇھەررىر : مۇستافا شاۋكەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ