مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

ئۈچ ياشتىن كىچىك بالىلارغا ئىسپىرت ئىشلىتىپ بەدەن تېمپېراتۇرىسىنى چۈشۈرمەڭ

2019.08.30 19:29 مەنبە: تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى

 قىزىپ قېلىش بالىلاردا دائىم كۆرۈلىدىغان ئەھۋال، لېكىن ئاتا-ئانىلار بۇ خىل ئەھۋالغا يولۇققاندا جىددىيلىشىپ، تېزدىن ئامال ئىزدەپ بالىنىڭ قىزىتمىسىنى چۈشۈرۈشنى ئويلايدۇ، مەسىلەن: ئىسپىرت سۈرۈش ياكى مۇز پارچىسى بىلەن سوغۇق ئۆتكۈزۈش قاتارلىقلار. بۇ خىل ئۇسۇللار چوڭلارغا مەلۇم دەرىجىدە ئۈنۈم كۆرسىتىدىغان بولسىمۇ، بالىلارغا نىسبەتەن ئانچە مۇۋاپىق ئەمەس.

  ئىسپىرتنى قىزىپ قالغاندا بەدەنگە سۈرتكەندە، قىزىتمىنى چۈشۈرگىلى بولىدۇ؛ ئىسپىرت ھاۋاغا ئۇچۇش جەريانىدا بەدەندىكى ئىسسىقلىقنى بىللە ئېلىپ كېتىدۇ؛ ئىسپىرتنى بەدەنگە سۈرگەندىن كېيىن، تېرە قان تومۇرلىرى كېڭىيىپ، تېز سۈرئەتتە ئىسسىقلىق تارقىلىدۇ. گەرچە ئىسپىرتنى بەدەنگە سۈرگەندە قىزىتمىنى ياندۇرغىلى بولسىمۇ، لېكىن ئۈچ ياشتىن كىچىك بالىلارنىڭ جىگەر، بۆرەك ئىقتىدارى مۇكەممەل يېتىلمىگەن بولغاچقا ھەمدە تېرىسىمۇ يۇمران بولغاچقا، ئاسانلا رېئاكسىيە بېرىدۇ، ھەتتا ئىسپىرتتىن زەھەرلىنىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.

  ئۇنداقتا، بوۋاقلار قىزىپ قالغاندا قانداق قىلغاندا توغرا بىر تەرەپ قىلغىلى بولىدۇ؟ ئەگەر بەدەن تېمپېراتۇرىسى 38.5 گىرادۇستىن تۆۋەن بولسا، ئاۋۋال بەدىنىنى ئىلمان سۇدا سۈرتۈش ياكى قىزىتمىنى ياندۇرۇش چاپلىقى ئارقىلىق قىزىتمىنى چۈشۈرۈش كېرەك. ئەگەر قىزىتمىسى 38.5 گىرادۇستىن ئېشىپ كەتكەن بولسا، تېزدىن دوختۇرخانىغا ئاپىرىش ھەمدە دوختۇرنىڭ كۆرسەتمىسى بويىچە قىزىتما چۈشۈرۈش دورىسى ئىچكۈزۈش كېرەك.

خەلق تورىدىن تەرجىمە قىلىندى
مەسئۇل مۇھەررىر : مۇستافا شاۋكەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ