مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

بالىلارنىڭ تەنھالىق كېسىلىگە گىرىپتار بولغان-بولمىغانلىقىغا قانداق ھۆكۈم قىلغىلى بولىدۇ

2019.08.30 19:28 مەنبە: تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى

تەنھالىق كېسىلى بىر خىل توسالغۇ خاراكتېرلىك كېسەللىك بولۇپ، تەنھالىق كېسىلىنىڭ بالىلارغا ئېلىپ كېلىدىغان خەۋپى ئىنتايىن چوڭ، ئاتا-ئانىلار بالىنىڭ تەنھالىق كېسىلىگە گىرىپتار بولغان-بولمىغانلىقىغا توغرا ھۆكۈم قىلىشى، ئەگەر تەنھالىق كېسىلىگە گىرىپتار بولغانلىقىنى بايقىسا، بالدۇرراق داۋالىتىشى كېرەك، ئۇنداقتا، بالىنىڭ تەنھالىق كېسىلىگە گىرىپتار بولغان-بولمىغانلىقىغا قانداق ھۆكۈم قىلىش كېرەك؟

بالىنىڭ تەنھالىق كېسىلىگە گىرىپتار بولغان-بولمىغانلىقىغا قانداق ھۆكۈم قىلغىلى بولىدۇ

بىرىنچى، ھەرىكەتنى ئۆلۈك ھالدا تەكرارلاش. تەنھالىق كېسىلىگە گىرىپتار بولغان بالىلاردا ئىجتىمائىي ئالاقە توسالغۇسى كۆرۈلىدۇ، يېشى كىچىكرەك بالىلاردا ئالامىتى ئېنىق ئىپادىلەنمەسلىكى مۇمكىن، بىراق، يېشىنىڭ چوڭىيىشىغا ئەگىشىپ، بالىنىڭ ھەرىكەتنى ئۆلۈك ھالدا تەكرارلاش قىلمىشى ئېنىق ئىپادىلىنىدۇ، تەنھالىق كېسىلىگە گىرىپتار بولغان بالىلار ماشىنا چاقى، ۋېكليۇچاتېل كۇنۇپكىسىنى ئويناشنى ياخشى كۆرىدۇ، يەنە تېخى تېلېۋىزور ئېلانلىرىنى قايتا-قايتىلاپ كۆرىدۇ، بۇلارنىڭ ھەممىسى بالىلار تەنھالىق كېسىلىدىكى دائىم كۆرۈلىدىغان ئالامەتلەر ھېسابلىنىدۇ.

ئىككىنچى، تىل ۋە ئالاقە جەھەتتە توسالغۇغا ئۇچراش. تەنھالىق كېسىلىگە گىرىپتار بولغان بالىلار بىر قەدەر ئاستا گەپ قىلىدۇ، بەزىدە ئۆزىنىڭ ئويىنى ئىپادىلىيەلمەي قالىدۇ، تەنھالىق كېسىلىگە گىرىپتار بولغان بالىلار ئالاقە جەھەتتە توسالغۇغا ئۇچرىغان بولىدۇ، ئۆزىنىڭ ئېھتىياجىنى ئىپادىلىيەلمەيدۇ، ئاتا-ئانىلار بالىدا مۇشۇنداق ھەرىكەتلەرنىڭ كۆرۈلگەنلىكىنى بايقىسا دىققەت قىلىشى كېرەك، بۇنى تەنھالىق كېسىلى كەلتۈرۈپ چىقارغان بولۇشى مۇمكىن، ئاتا-ئانىلار بالىدىكى تەنھالىق كېسىلىگە ئەھمىيەت بېرىشى كېرەك.

ئۈچىنچى، ئىجتىمائىي ئالاقە جەھەتتە توسالغۇغا ئۇچراش. تەنھالىق كېسىلىگە گىرىپتار بولغان بالىلار باشقىلار بىلەن ياخشى كىشىلىك مۇناسىۋەت ئورنىتالمايدۇ، تەنھالىق كېسىلىگە گىرىپتار بولغان بالىلارنىڭ كۆزى باشقىلارنىڭ كۆزى ئۇچراشقاندا ھارغىنلىقىنى ئىپادىلەپ تۇرىدۇ، ئۇلار كىشىلەر بىلەن بولغان يىراق-يېقىن مۇناسىۋەتنى ئېنىق پەرقلەندۈرەلمەيدۇ، ئۇلارنىڭ ئۇرۇق-تۇغقانلىرىغا ۋە باشقا كىشىلەرگە تۇتقان پوزىتسىيەسى ئوخشاش بولىدۇ، ئۇلار ھەتتا ئاتا-ئانىسىنىڭ ئەركىلىتىشلىرىنىمۇ رەت قىلىدۇ، بۇ خىل ئەھۋال بالىنىڭ تەنھالىق كېسىلىگە گىرىپتار بولغان بولۇشى مۇمكىنلىكىنى بىلدۈرىدۇ.

خەلق تورىدىن تەرجىمە قىلىندى
مەسئۇل مۇھەررىر : مۇستافا شاۋكەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ