مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

يان تېلېفوننى كۆپ ئوينىغاندا، چاچ تېز چۈشۈپ كېتىدىكەن

2019.08.30 11:00 مەنبە: تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى

 مېتروغا ئولتۇرغاندا، ئۇخلاشتىن بۇرۇن، خىزمەت بوش ۋاقىتلىرىدا ...... كىشىلەر بىكار بولسىلا يان تېلېفونىنى چىقىرىپ يېڭى ئىشلارنى كۆرىدۇ. كۆپچىلىكنىڭ ھەممىسىگە ئايان، يان تېلېفوننى كۆپ ئوينىغاندا مۈرە-بويۇن تېلىپ ئاغرىپ، كۆز ئېچىشىدۇ، لېكىن سىز يان تېلېفون ئوينىسا چاچ چۈشىغانلىقىنى ئويلاپ باقتىڭىزمۇ ؟ ياپونىيە ئۇنىۋېرسال تور بېكىتى «ھاياتىي كۈچ ئىشىكى» بۇنىڭ ئىچىدىكى قائىدىنى ئېچىپ بەردى.

مۈرە-بويۇن بەدەندىكى قان تومۇر بىلەن باش قىسمىنى تۇتاشتۇرىدىغان بىردىنبىر يول. مۈرە-بويۇن سوزۇلما خاراكتېرلىك ئاغرىسا، بۇ يەردىكى قان تومۇرلار بېسىلىپ، قان ئايلىنىشنىڭ تەبىئىي تەسىرگە ئۇچرىغانلىقىنى چۈشەندۈرىدۇ. بۇنداق بولغاندا، قاننى باش قىسمىغا يەتكۈزىدىغان ئوكسىگېن، ئوزۇقلۇقمۇ ئوڭۇشلۇق يېتىپ بارالماي، بۇ، چاچ ساغلام ئۆسمەسلىك، چاچ سارغىيىش، چاچ چۈشۈش قاتارلىق ئەھۋاللارنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.

شۇڭا تۆۋەندە بىر قانچە ئۇسۇلنى تەۋسىيە قىلىمىز، ئالدى بىلەن مۈرە-بويۇننىڭ تېلىپ ئاغرىيدىغان-ئاغرىمايدىغانلىقى، چاچ چۈشىدىغان-چۈشمەيدىغانلىقىنى تەكشۈرۈش كېرەك. باش قىسمىنى ئوڭ - سولغا، ئالدى - كەينىگە ھەرىكەتلەندۈرۈپ، بويۇننىڭ بىئارام بولغان - بولمىغانلىقىدىن جەزملەشتۈرۈش؛ مۈرە قىسمىدا بىلەكنى ئالدى-كەينىگە ھەرىكەتلەندۈرۈپ، مۈرىنىڭ قېتىپ قالغان - قالمىغانلىقىنى جەزملەشتۈرۈش كېرەك. ئەگەر يۇقىرىقى كېسەللىك ئالامەتلىرى كۆرۈلسە، يان تېلېفون ئويناش، كومپيۇتېرغا قاراش ۋاقتىنى كونترول قىلسا بولىدۇ.

خەلق تورىدىن تەرجىمە قىلىندى
مەسئۇل مۇھەررىر : مۇستافا شاۋكەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ