مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

يۈگۈرۈپ بەدەن چېنىقتۇرغاندا نېمىلەرگە دىققەت قىلىش كېرەك

2019.08.30 10:59 مەنبە: تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى

 گۇاڭدۇڭلۇق ئوقۇرمەن جى خانىم مۇنداق سورىدى: مەن بۇ يىل 21 ياشقا كىردىم، داشۆدە ئوقۇيمەن، تېنىم بىر قەدەر ئاجىز، يۈگۈرۈش ئارقىلىق بەدەن ساپايىمنى كۈچەيتىپ، كېسەللىكىنىڭ ئالدىنى ئېلىشنى ئويلايمەن. بىراق توردىكى تونۇشتۇرۇشلارغا قارىسام، يۈگۈرۈشتە دىققەت قىلىدىغان نۇرغۇن ئىشلار بار ئىكەن، قانداق يۈگۈرۈش سالامەتلىككە پايدىلىق بولىدۇ؟

  جۇڭشەن داشۆسى قارىمىقىدىكى 3-دوختۇرخانا بوغۇم تاشقى كېسەللىكلەر بۆلۈمىنىڭ مەسئۇل ۋراچى چېن يۈشيەن جاۋاب بېرىپ مۇنداق دېدى: يۈگۈرۈش بەدەن ساغلاملاشتۇرۇش، كېسەللىكنىڭ ئالدىنى ئېلىشتىكى ناھايىتى ياخشى ۋاسىتە، لېكىن قانداق يۈگۈرۈشكە ھەقىقەتەن ئەھمىيەت بېرىش كېرەك. ئالدى بىلەن شۇنى ئەسكەرتىش كېرەككى، يۈگۈرۈشتە ئۆزىنىڭ ئەھۋالىغا ئاساسەن كۈچلۈكلۈك ۋە كونكرېت ئۇسۇلنى بەلگىلەش كېرەك، زۆرۈر تېپىلغاندا كەسپىي خادىملارنىڭ يېتەكچىلىك قىلىشىغا تايىنىش كېرەك. ھەر بىر يۈگۈرۈپ تۆۋەندىكى بىر قانچە نۇقتىغا بەدەن چېنىقتۇرىدىغانلار دىققەت قىلىشى كېرەك.

  1. سىرتتا يۈگۈرۈشتە ھاۋا شارائىتىغا دىققەت قىلىش، ھاۋا سۈپىتى ياخشى ئەھۋالدا يۈگۈرۈش تەكلىپىنى بېرىمىز.

  2. يول بويىدا يۈگۈرۈشكە بولمايدۇ. بەزى تەتقىقاتلاردا كۆرسىتىلىشىچە، يول بويىدا بەدەن چېنىقتۇرۇش بەدەن چېنىقتۇرمىغانغا باراۋەر ئىكەن، ئادەم تېخىمۇ ساغلام بولۇش نىشانىغا يېتەلمەيلا قالماستىن، يەنە كېسەللىكلەرنىڭ ئالدىنى ئالغىلى بولمايدىكەن.

  3. يۈگۈرۈش بىر سائەتتىن ئېشىپ كەتمەسلىكى كېرەك، دائىم مەشىق قىلىش ۋاقتى بىر سائەتتىن ئېشىپ كەتكەندە يۈرەك رېتىمىنىڭ نورمالسىز بولۇش خەۋپ-خەتىرى ئارتىپ كېتىدۇ. شۇڭا يۈگۈرۈپ چېنىقىشنىڭ يېرىم سائەتتىن بىر سائەت ئەتراپىدا بولۇش تەكلىپىنى بېرىمىز. مارافونچە يۈگۈرۈش ۋاقتى ئادەتتە بىر سائەتتىن ئېشىپ كېتىدۇ، ھەممە ئادەمنىڭ قاتنىشىشىنى تەۋسىيە قىلمايمىز.

  4. ھاۋا تەڭشىگۈچ سەپلەنگەن ئۆيدە P M 2.5 كۆرۈنەرلىك تۆۋەنلەيدۇ، شۇڭا چېنىقىش ئۆيىدە يۈگۈرۈش ناھايىتى ياخشى تاللاش ھېسابلىنىدۇ.

  5. يۈگۈرۈش ماشىنىسىدا يۈگۈرگەندە ۋە بىر جۈپ قوغداش تىپىدىكى تەنھەرىكەت ئايىغى كىىيگەندە، تىز بوغۇمىنىڭ زەربىسىنى تۆۋەنلىتىشكە پايدىلىق، بوغۇمنى ئاسراشتا ناھايىتى ياخشى رولى بار.

  6. مۇۋاپىق كۈچ مەشىقى، مەسىلەن، پەلەمپەيدىن چىقىش (پەلەمپەيدىن چۈشۈش ئەمەس) ۋە زوڭزىيىپ ئولتۇرۇش-تۇرۇش قاتارلىقلار ھەرىكەتلەر مۇسكۇللارنى كۈچەيتىپ، بوغۇملارنى ئاسرايدۇ. نۇرغۇن كىشىلەر يۈگۈرگەندىن كېيىن تىز بوغۇمى ئاغرىيدۇ، ئەمەلىيەتتە بوغۇم زەخمىلەنمەستىن، بەلكى تىز بوغۇمى ئەتراپىدىكى پەي ۋە مۇسكۇللار زەخمىلىنىدۇ، پەي زەخمىلىنىشتىن ساقلىنىشنىڭ ئەڭ ياخشى ئۇسۇلى پەي سوزۇش ھەرىكەتلىرىنى ئىشلەشتۇر.

  (خەلق تورىدىن تەرجىمە قىلىندى)
مەسئۇل مۇھەررىر : مۇستافا شاۋكەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ