مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

بەدەن چېنىقتۇرۇشنى 60 ياشتا باشلىسىمۇ كېچىكمەيدۇ

2019.07.31 17:55 مەنبە: تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى

  ھەممەيلەن مۇۋاپىق بەدەن چېنىقتۇرۇشنىڭ سالامەتلىككە پايدىلىق ئىكەنلىكىنى بىلىدۇ، ئامېرىكا دۆلەتلىك راك كېسىلى تەتقىقات ئورنىنىڭ بىر تۈرلۈك تەتقىقاتىدا كۆرسىتىلىشىچە، ياشانغاندا چېنىقىشنى باشلاشمۇ ئوخشاشلا پايدىلىق بولۇپ، ئۆلۈم خەۋپ-خەتىرىنى تۆۋەنلىتىدىكەن.

  بۇ تەتقىقات 50 ياشتىن 71 ياشقىچە بولغان 315 مىڭدىن ئارتۇق ئوبيېكىتقا چېتىلىدۇ. تەتقىقاتچىلار ئۇلارنىڭ ياش-ئۆسمۈرلۈك، ياش، قىران، ئوتتۇرا ياش ۋە ياشانغان مەزگىلىدىكى تەنتەربىيە پائالىيىتى بىلەن شۇغۇللىنىش ئادىتى ۋە ساغلاملىق ئۇچۇرلىرىنى ئىگىلىگەن. 10 يىلدىن ئارتۇق ئىز قوغلاپ تەكشۈرۈشتىن كېيىن، تەتقىقاتچىلارنىڭ بايقىشىچە، تەنتەربىيە پائالىيەتلىرىگە ئىزچىل قاتناشمايدىغان تەتقىقات ئوبيېكىتلىرىغا سېلىشتۇرغاندا، ئىزچىل ئوتتۇرا، يۇقىرى سىجىللىقتىكى تەنتەربىيە پائالىيىتىگە قاتنىشىدىغان ئوبيېكىتلارنىڭ ئۆلۈم خەۋپى %29دىن %36كىچە تۆۋەنلىگەن؛ ياش ۋاقتىدا ھەرىكەت قىلمىغان، 40 ياشتىن 61 ياشقىچە بولغان ئوتتۇرا ياش ۋە ياشانغان مەزگىلىدە چېنىقىشنى باشلىغان ئوبيېكىتلارنىڭ ئەزەلدىن ھەرىكەت قىلمايدىغان ياشتىكىلەرنىڭكىدىن ئۆلۈم خەۋپى %35، يۈرەك، قان تومۇر كېسەللىكلىرىگە گىرىپتار بولۇش نىسبىتى %43 تۆۋەنلىگەن.

  گەرچە ئۇزۇن مۇددەت تەنتەربىيە پائالىيىتى بىلەن شۇغۇللىنىشنىڭ ئۆلۈم خەۋپىنى تۆۋەنلىتىشتە مۇھىم رولى بولسىمۇ، لېكىن بۇ تۈرلۈك تەتقىقات تەمىنلىگەن دەلىل- ئىسپاتلاردا كۆرسىتىلىشىچە، ئوتتۇرا ياش ۋە ياشانغان مەزگىلىدە تەنتەربىيە پائالىيىتىنى باشلاش ئارقىلىقمۇ ساغلاملىق جەھەتتە چوڭ پايدىغا ئېرىشىشى مۇمكىن ئىكەن.

  ياشانغانلار كۆپرەك پىيادە مېڭىپ بەرسە، ئۆلۈم خەۋپىنى تۆۋەنلەتكىلى بولىدۇ

  ياپونىيەنىڭ بىر تۈرلۈك چوڭ كۆلەملىك ئۇزۇن مۇددەتلىك تەكشۈرۈش نەتىجىسىدە كۆرسىتىلىشىچە، ياشانغانلار كۆپرەك پىيادە مېڭىپ بەرسە يۈرەك تىقىلمىسى، سەكتە، يۇقۇملۇق زۇكام ياكى ئۆپكە ياللۇغى ئېلىپ كېلىدىغان ئۆلۈم خەۋپىنى تۆۋەنلەتكلى بولىدىكەن.

  ياپونىيە خوككايدو داشۆسى ئېلىپ بارغان بۇ تەتقىقات تۈرى 65 ياشتىن 79 ياشقىچە بولغان 22 مىڭ 280 ياپونىيەلىكنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. سىناققا قاتناشقۇچىلار ئۈچ گۇرۇپپىغا ئايرىلغان: ھەر كۈنى پىيادە مېڭىش ۋاقتى يېرىم سائەتكە يەتمەيدىغانلار، يېرىم سائەتتىن بىر سائەتكىچە يول ماڭىدىغانلار، بىر سائەتتىن يۇقىرى يول ماڭىدىغانلار. سىناققا قاتناشقۇچىلارنىڭ ئىچىدە 1210 ئادەم يۈرەك تىقىلمىسى كېسىلىگە گىرىپتار بولۇپ باققان، 604 ئادەم سەكتە بولۇپ باققان، 80 ئادەم ئىككىلا خىل كېسەلگە گىرىپتار بولۇپ باققان. تەكشۈرۈشتىن بايقىلىشىچە، يۈرەك تىقىلمىسى، سەكتە كېسىلىگە گىرىپتار بولۇپ باقمىقانلارنىڭ ھەركۈنى بىر سائەتتىن ئارتۇق پىيادە ماڭىدىغانلار بىلەن بولغان نىسبىتى %50.4؛ يۈرەك تىقىلمىسىغا گىرىپتار بولۇپ باققانلار ئىچىدە، بۇ نىسبەت %41.8؛ سەكتە بولۇپ باققانلار ئىچىدە بۇ نىسبەت %33.9 ئىكەن.

  دائىم ئۇسسۇل ئويناپ بەرگەنلەر ئاسان قېرىمايدۇ

  ياشانغانلار ئۇسسۇل ئويناپ بەرسە پايدىسى كۆپ. ئۇسسۇل ئويناش بىر خىل ماسلاشتۇرۇش ئىقتىدارىنى چېنىقتۇرۇش بولۇپ، بەدەننىڭ تەڭپۇقلۇقىنى ساقلاپ، يىقىلىپ چۈشۈش نىسبىتىنى تۆۋەنلىتىدۇ. مۇزىكىغا ماسلىشىپ ئۇسسۇل ئوينىغاندا، مېڭە ھۈجەيرىسىگە تەسر يەتكۈزۈپ، مېڭىنى جانلاندۇرىدىكەن. ياشانغانلار ئۇسسۇل ئوينىغاندا پۈتۈن بەدەندىكى بوغۇملار ياخشى ھەرىكەتلىنىپ، مۇسكۇل ۋە بوغۇملار ئارىسىدىكى ئىلاستىكىلىقنى ئاشۇرىدىكەن، ئۇزۇن مۇددەت داۋاملاشتۇرغاندا، يۈرەك، ئۆپكە ئىقتىدارىنى ئاشۇرۇپ، يۈرەك كېسىلىنىڭ ئالدىنى ئالغىلى بولىدىكەن. داۋاملىق ئۇسسۇل ئويناپ بەرگەندە، بەل ئاغرىش ئالامەتلىرى ئازىيىدىكەن.

  تىكتاك توپ ئوينىغاندا، مېڭىنى ساغلاملاشتۇرۇپ كۆزنى ئاسرىغىلى بولىدۇ

  تىكتاك توپ بىر تۈرلۈك «خەلق ھەرىكىتى»، شۇنداقلا ھەرقايسى ياش قاتلىمىدىكى كىشىلەر توپىنىڭ چېنىقىش «خاسىيەتلىك ئەسۋابى». تەتقىقاتتا كۆرسىتىلىشىچە، ئوقۇغۇچىلار تىكتاك توپ مەشىقىگە قاتناشقاندىن كېيىن كۆرۈش قۇۋۋىتى كۆرۈنەرلىك ياخشىلانغان. تىكتاك توپ يەنە ئىنكاس ۋە جانلىقلىقنى ئاشۇرۇپ، يۈرەك، ئۆپكە، بەل، مۈرە، بويۇن ئومۇرتقىسىغا پايدىلىق ئىكەن. خەلق تورىدىن تەرجىمە قىلىندى
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ