مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

بوۋاقلارنىڭ سۈتتىن چىقىپ قېلىشىدا ئاتا-ئانىلارنىڭمۇ مەسئۇلىيىتى بار

2019.07.31 17:54 مەنبە: تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى

  بالىلار ساقلىقىنى ساقلاش ئامبۇلاتورىيەسىدە دائىم ئانىلارنىڭ بالىسىنىڭ سۈت ئەممەيۋاتقانلىقى توغرىسىدىكى ھەر خىل سوئاللارنى سوراۋاتقانلىقىنى ئۇچراتقىلى بولىدۇ، ئاتا-ئانىلار بۇ مەزگىلنى بالىلارنىڭ «سۈتتىن چىقىپ قېلىش مەزگىلى» دەپ ئاتايدۇ. بالىلارنىڭ راستتىنلا «سۈتتىن چىقىپ قېلىش مەزگىلى» بولامدۇ؟ ئەمەلىيەتتە مېدىتسىنادا بۇ خىل ئۇقۇم مەۋجۇت ئەمەس. سۈتتىن چىقىپ قېلىش دېگىنىمىز، ئاساسلىقى ئاتا-ئانىلارنىڭ بالىنى ئېمىتىشىدىن مەسىلە چىققانلىقىنى كۆزدە تۇتىدۇ، ئەڭ كۆپ ئۇچرايدىغان سەۋەبى زىيادە ئېمىتىپ بېقىش.

  ئالتە ئاي ئىچىدىكى كىچىك بوۋاققا نىسبەتەن، ئەگەر ساپ ئانا سۈتى بىلەن باققاندا، ئېھتىياجغا قاراپ ئېمىتىش كېرەك؛ سۈت پاراشوكى ئىچىدىغان بالىلارغا نىسبەتەن نۇرغۇنلىغان ئاتا-ئانىلار ۋاقىتقا قاراپ ئېمىتىش كېرەك دەپ قارايدۇ، بەزىلەر، ھەر قېتىملىقتا قانچە مىللىلېتىر سۈت بېرىشنىمۇ سۈت پاراشوكى چۈشەندۈرۈشىدىكى مىقداردىن پايدىلىنىدۇ، ئەمەلىيەتتە بۇ بىر خىل خاتا قاراش، مەيلى قۇرامىغا يەتكەنلەر بولسۇن ياكى بالىلار بولسۇن، ھەر بىر ئادەمنىڭ ئوزۇقلۇققا بولغان ئېھتىياجى ئوخشاش بولمايدۇ. شۇڭا مەيلى قانداق ئېمىتىش ئۇسۇلىنى قوللىنايلى، بالىنىڭ ئېھتىياجىغا بويسۇنۇش ئېمىتىشتىكى مۇھىم ھالقا ھېسابلىنىدۇ. كۆندۈرۈپ ئېمىتىش دېگىنىمىز، قەرەلسىز، نورمىسىز ئېھتىياجغا قاراپ ئېمىتىشتۇر. بالا قايسى ۋاقىتتا سۈت ئېمىدۇ؟ قانچىلىك سۈت ئېمىدۇ؟ دوختۇر بۇنى بىلمەيدۇ، ئانىلارمۇ بىلمەيدۇ، ئەمما بالىلار ئۆزلىرى بىلىدۇ، شۇڭا قايسى ۋاقىتتا، قانچىلىك ئېمىتىش كېرەكلىكىنى دوختۇردىن سورىماي، بالىنى كۆزىتىش كېرەك. نۇرغۇنلىغان ياش ئانىلار بالىلىرىنىڭ يىغىسىنى ئېمىتىشتىكى ئېھتىياج دەپ بىلىۋالىدۇ، بۇ يەردە كۆپچىلىكنى بالىنىڭ ئېھتىياجغا قاراپ ئېمىتىشنى، ھەرگىزمۇ يىغىسىغا قاراپ ئېمىتمەسلىكىنى ئەسكەرتىمىز.

  بىرىنچىدىن، بالىنىڭ قورسىقى ئاچسا يىغلايدۇ، ئەمما يىغلاش قورسىقى ئاچقانلىقتىن دېرەك بەرمەيدۇ، ئۇ بەلكىم باشقا ئېھتىياج بولۇشى مۇمكىن؛ ئىككىنچىدىن، قورسىقى ئاچسا يىغلاش بالىلارنىڭ ئەڭ ئاخىرقى ئىپادىلەش ئۇسۇلى، بالىلارغا يىغلىغاندىن كېيىن سۈت بېرىش ئانا-بالىلىق رىشتىسىنى ئورنىتىشقا پايدىسىز، شۇڭا بىز ئالدى بىلەن بالىلارنىڭ قورسىقى ئاچقاندا قانداق ئىپادە بىلدۈرىدىغانلىقىنى بىلىشىمىز كېرەك.

  ئادەتتە يېڭى تۇغۇلغان بوۋاقلاردا قورسىقى ئاچقاندا ئوزۇقلۇق ئىزدەش رېفلىكىسى پەيدا بولىدۇ، شوراش ھەرىكىتىنى قىلىدۇ ياكى قوللىرىنى پۇلاڭلىتىدۇ؛ بوۋاقلاردا ئەنسىزلىك پەيدا بولىدۇ، بەدەن ھەرىكىتى كۆپىيىدۇ، قولىنى ئاغزىغا سېلىپ شورايدۇ، غەيرىي قىلىقلارنى چىقىرىدۇ، بىئارام بولىدۇ، ئەگەر بۇ ۋاقىتتا ئانا ئىنكاس قايتۇرمىسا، بوۋاق يىغلاش ئارقىلىق ئۆزىنىڭ ئېھتىياجىنى ئىپادىلەيدۇ. بالىلارنىڭ قورسىقى تويغاندا، خۇشال چىراي ئىپادىسى پەيدا بولۇپ، شوراشنى توختىتىپ، بېشىنى باشقا تەرەپكە بۇراپ تۇرۇۋالىدۇ. بالا سۈتنى ئېمىپ تۈگەتمىگەن تەقدىردىمۇ، ئېمىتىشتىن توختاش كېرەك، بولمىسا ئاشقازان-ئۈچەي بىئارام بولۇپ، بالىلاردا «سۈتتىن چىقىپ قېلىش» قاتارلىق بىر يۈرۈش مەسىلىلەر يۈزبېرىدۇ.
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ