مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

بالىلاردىكى تاماق تاللاش يۈرەك قان تومۇر كېسەللىكىگە گىرىپتار بولۇش خەۋپىنى ئاشۇرۇۋېتىدىكەن

2019.07.31 17:53 مەنبە: تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى

  فىنلاندىيە دۆلەتلىك سەھىيە ۋە پاراۋانلىق تەتقىقات ئورنى، خېلسىنكى داشۆسى ۋە ئېستونىيە تارتۇ داشۆسى قانات يايدۇرغان بىر تۈرلۈك تەتقىقاتتا بايقىلىشىچە، تاماق تاللىغاندا يېمەك-ئىچمەك سۈپىتى تۆۋەنلەپ، يۈرەك قان تومۇر كېسەللىكلىرى ۋە Ⅱ تىپلىق دىيابېت كېسىلىگە گىرىپتار بولۇش خەۋپىنى ئاشۇرۇۋېتىدىكەن.

  تەتقىقاتچىلار فىنلاندىيەدىكى 25 ياشتىن 74 ياشقىچە بولغان 4000 سىناققا قاتناشقۇچى ئۈستىدە 7 يىل زىيارەتتە بولغان. نەتىجىدە، تاماق تاللايدىغان كىشىلەردە يېمەكلىك تالاسى، ئاقسىل ۋە يەككە تويۇنمىغان ياغ كىسلاتاسى يېتىشمەي، تويۇنغان ياغ ۋە تۇزنىڭ قوبۇل قىلىنىش مىقدارى بىر قەدەر كۆپ بولىدىغانلىقىنى بايقىغان. بۇ، ئادەم بەدىنىنىڭ ياللۇغلىنىش ئىنكاسىنى يۇقىرى كۆتۈرۈپ، سوزۇلما خاراكتېرلىك كېسەلگە گىرىپتار بولۇش خەۋپىنى ئاشۇرۇۋېتىدىكەن. تاماق تاللاشمۇ ئىرسىيەت قالىدىغان بولۇپ، ئۇنىڭ ئۈستىگە بالىلار ۋە ياشانغانلاردا كۆپ ئۇچرايدىكەن.

  فىنلاندىيە دۆلەتلىك سەھىيە ۋە پاراۋانلىق تەتقىقات ئورنىنىڭ پروفېسسورى ماركۇس پېرولا تەكىتلەپ مۇنداق دېدى: «كۆپ خىللاشقان ساغلام يېمەك-ئىچمەك ساغلاملىققا نىسبەتەن ھالقىلىق رول ئوينايدۇ، ئەگەر بىز بەزى نورمال بولمىغان يېمەك - ئىچمەك ھەرىكەتلىرىگە ئارىلاشساق، مەسىلەن، بالىلارنىڭ تاماق تاللىشى، دەسلەپكى مەزگىلدىكى يوشۇرۇن ساغلاملىق مەسىلىسىنىڭ ئالدىنى ئېلىشقا پايدىلىق.»

  خەلق تورىدىن تەرجىمە قىلىندى
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ