مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

كۈتۈنۈشنىڭ ئەڭ ياخشى ئۇسۇلىنى بىلىۋېلىڭ

2019.07.31 17:52 مەنبە: تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى

  سائەت بىر قانچە قېتىم جىرىڭلىغاندا كۆزنى ئېچىپ، يۈز-كۆزنى يۇيۇپ، گىرىم قىلىپ، ئالدىراش خىزمەتكە مېڭىشتەك بۇ خىل ۋاقىت قوغلىشىدىغان ھېسسىيات ئۆزىمىزنىلا ئەمەس، چوڭ مېڭىمىزنىڭ راۋان ئايلىنىشىغا تەسىر كۆرسىتىپ، خىزمەت ئۈنۈمىنى چۈشۈرۈۋېتىدۇ.

  تەتقىقاتتا بايقىلىشىچە، سەھەر تۇرىدىغانلارنىڭ ھاياتىي كۈچى ئۇرغۇپ تۇرىدىغان بولۇپ، ياش كۆرۈنىدىكەن.

  ئۇزۇن مۇددەت سەھەر تۇرۇپ ئادەتلەنگەنلەرنىڭ تۈنەيدىغان يامان ئادىتى بولمايدۇ، بۇ ناھايىتى چوڭ دەرىجىدە تۈنەش سەۋەبىدىن كېلىپ چىقىدىغان كېسەللىكلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىپ، بەدەن تېخىمۇ ساغلام تۇرىدۇ.

  ئۇزۇن مۇددەت بالدۇر ئۇخلاپ سەھەر تۇرىدىغانلارنىڭ ئالدى بىلەن ماددا ئالماشتۇرۇشى راۋان ھەمدە تېرىسى ياخشى بولىدۇ، ئۇزۇن مۇددەت داۋاملاشتۇرغاندا كۆز ئەتراپى قارىداشنىمۇ سۇسلاشتۇرغىلى بولىدۇ. كەچ ئۇخلاپ تۈنەيدىغانلارغا سېلىشتۇرغاندا، كۈندۈزدە سەھەر تۇرمايدىغانلار ئوخشاشلا كۈنىگە يەتتە سائەت ئۇخلىسىمۇ، كېيىن ئۇخلىغانلارغا قارىغاندا يەنىلا قېرى كۆرۈنىدۇ.

  ئادەم بەدىنىدىكى بىئولوگىيىلىك سائەت ياخشى تەڭشەلسە، ئاشقازان-ئۈچەي ھەرىكىتى تېخىمۇ جانلىنىدۇ، بۇ سەھەردە چوڭ تەرەت قىلىش ئادىتىنى يېتىلدۈرۈشكە پايدىلىق. شۇڭا سەھەر تۇرغاندىلا ياخشى بولغان ھۆسىن تۈزەش ئۈنۈمىگە ئېرىشكىلى بولىدۇ.

  ئۇنداقتا قانداق سەھەر ھەرىكىتى قىلغاندا تېخىمۇ ياخشى ئۈنۈمگە ئېرىشكىلى بولىدۇ ؟ چوقۇم بەدەن سوزۇش گىمناستىكىسى ئىشلەپ، بەدەننى ھەرىكەتلەندۈرۈش كېرەك.

  ئادەم ئۇخلىغاندا بەدەن ھەرىكەتتىن توختاپ، «قېتىش» ھالىتىدە تۇرىدۇ. سەھەردە بەزى يەڭگىل سوزۇش ھەرىكەتلىرىنى ئىشلىگەندە، بەدەن راھەتلىنىپ قان ئايلىنىشنى تېزلەتكىلى بولىدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، بەدەننى تەڭشەپ، ماددا ئالمىشىشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، پۈتۈن بىر كۈننى ھاياتىي كۈچكە تولدۇرغىلى بولىدۇ.

  سەھەر تۇرغاندا بارغانسېرى گۈزەل بولۇپلا قالماي، ئادەم تېخىمۇ ئەقىللىق بولىدۇ.

  چۈنكى ئۇزۇن مۇددەت سەھەر تۇرىدىغانلارنىڭ مەيلى مېڭە ھۈجەيرىسى ياكى نېرۋا ھۈجەيرىسى بولسۇن، ئۆمرى ۋە ھاياتىي كۈچى ئۇرغۇپ تۇرىدىكەن، بۇ ئۇلارنىڭ تېخىمۇ ھوشيار ئىنكاس قايتۇرۇش ئىقتدارىغا ئىگە ئىكەنلىكىنى ھەمدە تېخىمۇ ئەقىللىق بولۇپ، ئىش قىلغاندا ئۈنۈم ۋە مۇۋەپپەقىيەت قازىنىش ئىقتىدارىنىڭ يۇقىرى بولىدىغانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ.

  سەھەر تۇرۇش تەشۋىشلىنىش پىسىخىكىسىنى پەسەيتىدۇ، يەنى «كۈندۈز» دىكى ۋاقىت ئۇزىراپ، باشقىلارغا قارىغاندا ئىككى سائەت ۋاقىت ئارتۇقتەك ھېس قىلىش ئەھۋالىنى ياخشىلايدۇ ، ۋاقىت سىزنى قوغلىمىدى، ئەمەلىيەتتە سىز ۋاقىتقا قوماندانلىق قىلىۋاتىسىز. ئوخشاشلا، ۋاقتىدا ئارام ئېلىپ، سەھەر تۇرىدىغانلارنىڭ خامۇشلۇق كېسىلىگە گىرىپتار بولۇش خەۋپىمۇ تۆۋەن بولىدۇ.

  سەھەر تۇرۇش ئۈچۈن، ئۆزىڭىز ياخشى كۆرىدىغان ئىشتىن باشلاپ سىناپ بېقىڭ.

  ئۆزىڭىز ياخشى كۆرگەن ئىشنى قىلىش ئۈچۈن بىر سائەت ياكى يېرىم سائەت، ھېچ بولمىغاندا 10 مىنۇت بۇرۇن ئورنىڭىزدىن تۇرۇڭ، شۇنداق بولغاندا ئۆزىڭىزنىڭ بۇرۇنقىغا ئوخشىمايۋاتقانلىقىڭىزنى ھېس قىلىسىز. بۇ ۋاقىت پۈتۈنلەي ئۆزىڭىزگە تەۋە ، خەت يېزىش، گۈل تىزىش، ئاستا يۈگۈرۈش، رەسىم سىزىش، ھەرقانداق ئىشنى قىلسىڭىز بولىۋېرىدۇ، بۇ خۇددى ۋاقىتنىڭ سىزگە قىلغان ئارتۇق مۇكاپاتىغا ئوخشايدۇ.

  -خەلق تورىدىن تەرجىمە قىلىندى.
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ