مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

سېرىق رەڭلىك يېمەكلىكلەرنى يەپ بەرسە كەيپىياتنى ياخشىلايدۇ

2019.07.31 17:51 مەنبە: تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى

  خەلق تورى خەۋىرى: رەڭگارەڭ نەرسىلەر ئادەمنىڭ سەزگۈ ئەزالىرىنى غىدىقلاپ، ئوخشىمىغان تۇيغۇلارنى پەيدا قىلىدۇ، يېمەكلىكلەرمۇ بۇنىڭ سىرتىدا ئەمەس. يېقىندا گرېتسىيە «مېترو» ژۇرنىلىدا ئېلان قىلىنغان بىر تۈرلۈك تەتقىقاتتا كۆرسىتىلىشىچە، كىشىلەر تەبىئىي تۇيغۇ ئارقىلىق سېرىق رەڭ بىلەن خۇشاللىق ھېسسىياتىنى بىرلەشتۈرۈپ، سېرىق رەڭلىك يېمەكلىك يېگەندە، بەدەن يۇقىرى دەرىجىدە بەخت ھورمونى قويۇپ بېرىپ، بەخت تۇيغۇسى پەيدا قىلىدىكەن.

  پىسخولوگلارنىڭ قارىشىچە، ئادەمنىڭ چوڭ مېڭىسى بوۋاق مەزگىلىدىلا رەڭ بىلەن مۇناسىۋەت پەيدا قىلىدىغان بولۇپ، ئارىسىدا، سېرىق رەڭ چوڭ مېڭىنىڭ سول تەرىپىنى، يەنى لوگىكا قاتلىمىنى غىدىقلايدىكەن، شۇڭا سول مېڭە دائىم سېرىق رەڭنى ئىللىق ھەم خۇشال نەرسە دەپ چۈشىنىدىكەن. تەتقىقاتچىلار بۇنىڭغا قارىتا تەكشۈرۈش ئېلىپ بارغاندا، ئوخشاش بولمىغان ياشتىكى 1000 پىدائىينىڭ ئالدىغا ئون تۈرلۈك يېمەكلىكنى تىزىپ، ئۇلارنىڭ چوڭ مېڭە ئىنكاسىنى ئۆلچىگەن. نەتىجىدە، %70 سىناققا قاتناشقۇچىلارنىڭ تەبىئىي ھالدا سېرىق رەڭلىك يېمەكلىك بىلەن ئوچۇق كەيپىياتنى باغلىغانلىقى بايقالغان. كونكرېت قىلىپ ئېيتقاندا، %61 ئادەم «تۇخۇم پوشكىلى»نى ئەڭ راھەت يېمەكلىك دەپ جاۋاب بەرگەن، « پىشلاق كاۋاك ئۈگرە»سىنىڭ بېلەت سانى % 55كە يەتكەن، بېلەت سانى كۆپرەك بولغىنى «بانان»، «قاتلىما نان»،« يېرىم پىشقان تۇخۇم» قاتارلىقلار بولغان.

  بۇ تەتقىقات نەتىجىسىگە قارىتا نېرۋا پىسخولوگ دوكتورى داۋىد لېۋىسنىڭ ئېيتىشىچە، ئۇ ئىلگىرى رەڭ بىلەن كەيپىياتنىڭ مۇناسىۋىتى ئۈستىدە نەچچە يۈز تۈرلۈك تەكشۈرۈش ئېلىپ بارغان، بۇ قېتىمقى تەكشۈرۈشتە «سېرىق رەڭلىك» يېمەكلىكلەر شۇنچە كۆپ ئاكتىپ كەيپىياتنى كەلتۈرۈپ چىقارغان بولۇپ، ئۇنى پۈتۈنلەي ھەيران قالدۇرغان. ئۇنىڭ قارىشىچە، يېمەك-ئىچمەك ساھەسىدە، سېرىق رەڭلىك يېمەكلىكلەر روھى چۈشكۈنلۈشۈشكە قارشى تۇرىدىغان دورا ئىكەن.
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ